بىرازىلىيە-مېكسىكانىڭ 16 كوماندىغا كىرىش مۇسابىقىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى بۈگۈن (2-ئىيۇل) بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىرازىلىيە بىلەن مېكسىكا بۇنىڭدىن 68 يىل بۇرۇن بىرىنچى قېتىم رىقابەتلەشكەن ئىدى.

1004139
بىرازىلىيە-مېكسىكانىڭ 16 كوماندىغا كىرىش مۇسابىقىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ
2018-07-01T152755Z_1872538995_RC11975B8890_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BRA-MEX-PREVIEW.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە-مېكسىكانىڭ چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش  مۇسابىقىسى بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 15:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00 دە باشلىنىدۇ. مۇسابىقە 1-ت ر ت (TRT1)، 4ك-ت ر ت (TRT 4K) قاناللىرىدا ۋە "fifa2018.trtspor.com.tr" ئادرېسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق بىرازىلىيە -مېكسىكا مۇسابىقىسى 1950-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرازىلىيە 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مېكسىكىنى مەغلۇب قىلغان ئىدى. بىراق، گۇرۇپپىسىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن بىرازىلىيە ھەل قىغۇچ مۇسابىقىدە 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدى.

مېكسىكا بولسا، گۇرۇپپىسىدا ئۈچ قېتىم مەغلۇب بولۇپ، ھېچقانداق نومۇرغا ئېرىشەلمەي دۇنيا لوڭقىسى بىلەن بالدۇرلا خوشلاشقان ئىدى. ئىككى كوماندانىڭ 40 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى رىقابەتلىشىش تارىخىغا قارىغاندا، 40 قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بىرازىلىيە كوماندىسى 23 مۇسابىقىدە مېكسىكا كوماندىسىنى يەڭدى، مېكسىكا بولسا 10 مۇسابىقىدە يىڭەلىدى. 7 مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا تەڭلەشتى. بىرازىلىيە مېكسىكانىڭ ۋاراتاسىغا جەمئىي 73 توپ كىرگۈزدى، مېكسىكا پەقەت 36 توپ كىرگۈزەلىدى. بىرازىلىيە كوماندىسى 1954- ۋە 1992-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا مېكسىكا كوماندىسىنى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

1954-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسىدە، بىرىنچى مەيداندا بىرازىلىيە 4 توپ كىرگۈزگەن، ئىككىنچى مەيداندا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.

1992-يىلى ئامېرىكانىڭ ساھىبخانلىقىدىكى دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسىدىمۇ بىرازىلىيە كوماندىسى مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىرىنچى مەيداندا 4 توپ، ئىككىنچى مەيداندا 1 توپ جەمئىي  5توپ كىرگۈزۈپ، 1954-يىلىدىكىگە ئوخشاش ئۇتقان ئىدى.

مېكسىكا كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسىدىن 9 –قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئۈستۈن كەلگەن ئىدى. دەسلەپكى يەتتە قېتىملىق مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، سەككىزىنچى مۇسابىقىسىدە تەڭلەشكەن مېكسىكا كوماندىسى 1968-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى. بۇ مۇسابىقە بىرازىلىيە-مېكسىكا مۇسابىقىلىرىدە، مېكسىكانىڭ تۇنجى غەلىبىسى ئىدى.

بىرازىلىيە تا 1999-يىلغىچە مېكسىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمەي كەلدى، بىراق 1999-يىلدىن 2004-يىلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا ئارقىمۇ ئارقا ئۇدا ئالتە قېتىم مېكسىكاغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مېكسىكا كوماندىسى بۇ مۇسابىقىلەردە بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا 7 توپ كىرگۈزدى.

40-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا 2015-يىلى ئەمەلگە ئاشتى. ساھىبخان كوماندا بىرازىلىيە گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسىدە مېكسىكا كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

ئىككى كوماندىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىسى 41-قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر