گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ھەيران قالدۇردى

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ F گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىلەر تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

1001600
گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ھەيران قالدى. ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى گېرمانىيە گۇرۇپپىدا جەنۇبىي كورېيەنى مەغلۇب قىلالىغان بولسا، 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولاتتى. بىراق، جەنۇبىي كورېيە گېرمانىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

گېرمانىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن بالدۇرلا خوشلاشتى. دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېمپىيون بولۇش ئېھتىمالى بولغان كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان گېرمانىيە، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم 32 كوماندا ئىچىدىن 16 كوماندا ئىچىگە كىرەلمىدى.

گېرمانىيە 1938-يىلى 16 كوماندىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، تۇنجى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر