ئارگېنتىنا كوماندىسى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى

ئارگېنتىنا كوماندىسى نىگېرىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ، نومۇرىنى 4 كە چىقاردى ۋە 16 كۈچلۈك كوماندا ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

1000540
ئارگېنتىنا كوماندىسى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدا ئاخىرقى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. نىگېرىيە كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا كوماندىسى نىگېرىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

گۇرۇپپىسىدا كۈچلۈك كوماندا دەپ قارالغان، ئەمما ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئارگېنتىنا كوماندىسى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەك ئىدى. ئاېگېنتىنا كوماندىسى سائىنت پېتېرسبۇرگ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت ئۆتكەندە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. نىگېرىيە كوماندىسى 51-مىنۇتتا بىر جازا توپقا ئېرىشتى ۋە نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈردى. 86-مىنۇتتا 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىرىش ئۈچۈن غەلىبە قازىنىشى كېرەك بولغان ئارگېنتىنا كوماندىسى مۇسابىقىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە ئاخىرلاشتۇردى.

ئارگېنتىنا-نىگېرىيە مۇسابىقىسىغا تۈركىيەلىك جۈنەيت چاكىر رېپېرلىق قىلدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا 4 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى بولدى. 3 نومۇردا قالغان نىگېرىيە كوماندىسى بولسا، دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى.

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندىلىرى ئىچىدە، فىرانسىيە بىلەن ئارگېنتىنا، كىرودىيە بىلەن دانىيە تەڭلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر