ئۇرۇگۋاي 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى

رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى A گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىسىدە رۇسىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە مەغلۇب قىلغان ئۇرۇگۋاي، گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى.

999828
ئۇرۇگۋاي 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇگۋاي كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولۇپ 16 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى. رۇسىيە-ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىسى باشلىنىپ 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 23 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇرۇگۋاي ماھىرى لاشالتنىڭ سول تەرەپتىن تەپكەن توپى رۇسىيە ماھىرى چېرىشېۋغا تېگىپ قاڭقىدى ۋە ۋاراتاچىنى گاڭگىراتقان ھالدا ۋاراتاغا كىردى. چېرىشېۋنىڭ ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن توپى نەتىجىسىدە، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

 90-مىنۇتتا، ئۇرۇگۋاي ماھىرىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى بۇلۇڭدىن تەپكەن توپنى گودى ۋاراتاغا قارىتىپ ئۈستى، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى ئاكىنفېۋ توسۇۋالدى. بىراق قاڭقىپ چىققان توپنى ئۇرۇگۋاي ماھىرى كاناۋى ۋاراتاغا تېپىپ كىرگۈزۈۋەتتى.

رۇسىيە-ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۈركىيە گالاتاساراي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ۋاراتاچى مۇسلېرا 100-قېتىم ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدا 14 قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقانلىق سالاھىيىتى بىلەن، لادىسلاۋنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇرۇگۋايلىق پۇتبول ماھىرى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر