پولشا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى

پولشا كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا كولومبىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

999156
پولشا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
2018-06-24T201026Z_1679051005_RC192D212080_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-COL.JPG
2018-06-24T200649Z_852138526_RC171493D690_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-COL.JPG
2018-06-24T200622Z_1676512072_RC195DEE64C0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-COL.JPG
2018-06-24T200502Z_1500165458_RC16AC14C680_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-COL.JPG
2018-06-24T201521Z_1452299764_RC11EA195C60_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-COL.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018 -يىللىق دۇنيا لوڭقىسى H گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، پولشا بىلەن كولومبىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقىدە، كولومبىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن پولشا كوماندىسىنى يىڭىپ، گۇرۇپپىدىكى نومۇرىنى 3 كە چىقاردى. بۇنىڭدا، كولومبىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدىنى ئاخىرقى مۇسابىقىگە باغلىدى.

پولشا كوماندىسى بولسا، گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

كولومبىيە-پولشا مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇت ئۆتكەندە، 70 مىنۇت ۋە 75 مىنۇت ئۆتكەندە كولومبىيە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ توپ كىرگۈزدى.

كولومبىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى سېنېگال كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.

پولشا كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر