رۇسىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي دۇنيا لوڭقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

رۇسىيە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى A گۇرۇپپىدا، ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقە باشلاندى.

996564
رۇسىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي دۇنيا لوڭقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىبخان كوماندا رۇسىيە مىسىر كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ، گۇرۇپپىدىكى نومۇرىنى 6 گە چىقاردى. گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىمۇ مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يىڭىپ، گۇرۇپپىدىكى نومۇرىنى 6 گە چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشىدۇ ۋە گۇرۇپپا بىرىنچىلىكىنى تالىشىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىر كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى تۈگىدى.

ئۇرۇگۋاي –سەئۇدى ئەرەبىستان مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە باشلىنىپ 23 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇراگۋاي بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە 0 گە قارشى 1 نەتىجە ۋە ئۇرۇگۋاينىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇگۋاي ماھىرى سۇئارەز 52قېتىم قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولۇپ قالدى.

13 قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى مۇسلەرا پۇتبول تارىخىدا دۇنيا لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ قاتناشقان ۋاراتاچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر