سېنېگال كوماندىسى پولشا كوماندىسىنى يەڭدى

رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ H گۇرۇپپىسىدا، پولشا كوماندىسى بىلەن سېنېگال كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى.

2018-06-19T180448Z_171973175_RC1F6D36D100_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-SEN.JPG
2018-06-19T180439Z_465153447_RC197C8A7E90_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-SEN.JPG
2018-06-19T172900Z_1591358078_RC1ACFEA8F30_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-SEN.JPG
2018-06-19T172842Z_768626917_RC1837659270_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-SEN.JPG
2018-06-19T172300Z_1210897894_RC1413AA9CD0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-POL-SEN.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋادىكى سپارتاك تەنتەربىيە مەيدانىدا سېنېگال كوماندىسى بىلەن پولشا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقىدە سېنېگال كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقىگە، بەھرەينلىك ناۋاف شۇكراللاھ رېپېرلىق قىلدى.

سېنېگال كوماندىسى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، يېرىم بولغاندا ۋە ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنىڭ يېرىمىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزدى. پولشا كوماندىسى گەرچە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا توپ كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى.

سېنېگال كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 60 مىنۇت ئۆتكەندە م.بايە نىياڭ بىر توپ كىرگۈزدى. 37 مىنۇت ئۆتكەندە بولسا، پولشا كوماندىسىدىن سىياگو جىيونېك ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، سېنېگال كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.

پولشا كوماندىسىدىن گرزېگورز كريچوۋىياك مۇسابىقە باشلىنىپ 86 مىنۇت ئۆتكەندە قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر