تىبەتتە بۇلغارىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى ئىز – دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى

بۇلغارىيەلىك يامىشىش ماھىرى بويان پېترو تىبەتنىڭ شىشاپاڭما تېغىدا يوقۇلۇپ كەتتى.

965629
تىبەتتە بۇلغارىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى ئىز – دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولغارىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇلغارىيەنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق تاغقا يامىشىش تەنھەرىكەتچىلىرىدىن بىرسى بولغان بويان پېترونىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 6ماي كۈنى يەر يۈزىدىن 7500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغدا كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناناتتا ئۇقتۇرۇلىشىچە، بويان پېترو بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى بولغارىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرلىرى 6ماي كۈنىدىن بۇيان پېترودىن خەۋەر ئالالمىغانلىقلىرىنى، لېكىن چېدىر ۋە يوتقان كۆرپىسىنى تاپقانلىقىنى ئېيتقان.

رايوننىڭ ھاۋا كېلىماتى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاينىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تېخىچە پېترونى ئىزدەپ تېپىش خىزمىتىنى باشلىمىغان. 

يەر يۈزىدىن 8700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىشاپاڭما تېغى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 14تاغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پېترو ئايالى ۋە بىر پەرزەنت بار بولۇپ، ئۇ ھەتتا قان بېسىم كېسىلىگىمۇ قارىماستىن، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز 14 تېغدىن 10 تاغقا ئوكسىگېنئىشلەتمەي ۋە يول باشلىغۇچى ياردىمىمۇ ئالماي يامىشىپ نەتىجە ياراتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر