تۈركىيە ماھىرلىرى مۇز ئۇسسۇلىدا مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2018-يىللىق پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە، تۈركىيەلىك ماھىرلاردىن ئالىسا ئاگافونوۋا بىلەن ئالپەر ئۇچار مۇز ئۇسسۇلى تۈرىدە مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

913628
تۈركىيە ماھىرلىرى مۇز ئۇسسۇلىدا مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ 10-كۈنىدە، قىسقا مۇز ئۇسسۇلى تەييارلىقلىرى كۆرسىتىلدى. تۈركىيە ماھىرلىرىدىن ئالىسا ئاگانوۋا بىلەن ئالپەر ئۇچار 59.42 نومۇرغا ئېرىشىپ، 20-رەتتىن ئورۇن ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نەتىجە، تۈركىيەنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەركىن مۇسابىقىلىشىش تۈرى ئىچىگە كىرگەن مۇز ئۇسسۇلچىلىرى ھېسابلىنىدىكەن.

كانادا ماھىرلىرى 83.67 نومۇر بىلەن گۇرۇپپا ئىچىدە بىرىنچى بولغان. مۇز ئۇسسۇلى تۈرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەركىن مۇسابىقىلەر ئەتە (20-فېۋرال) ئەتىگەن ئەنقەرە ۋاقتى 04:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 07:00 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر