بوغۇز ئىچى قىتئەلەر ئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىغا ئقلتىماس قىلىش ئاخىرلاشتى

2018-يىللىق بوغۇز ئىچى قىتئەلەر ئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سان چەكلىمىسى 27 مىنۇتتا توشتى.

881723
بوغۇز ئىچى قىتئەلەر ئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىغا ئقلتىماس قىلىش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى 2018-يىللىق بوغۇز ئىچى قىتئەلەر ئارا سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بۈگۈن (4-يانۋار) سائەت 01:30 دا باشلانغان ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىدا، ئىلگىرىكى ئىلتىماسلارغا ئوخشاش ساننىڭ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تور بەتتە ئىلتىماس قىلىش كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن بۇرۇنلا تور بەتتە 3000 كىشىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، 41 دۆلەتتىن 1200 كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلتىماس رەسمىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيە 450 كىشىلىك ساننى 13 مىنۇتتا، ئۇكرائىنا 450 كىشىلىك ساننى 22 مىنۇتتا تولدۇرغان. ئىلتىماس قىلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ 27 مىنۇتقىچە 1200 كىشىلىك بارلىق چەت دۆلەت سانى تولۇپ بولغان. مۇسابىقىگە، 748 ئەر تەنھەرىكەتچى، 452 ئايال تەنھەرىكەتچى ئىلتىماس سۇنغان.

بۇ يىل (2018) 30-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە 22-ئىيۇل (يەكشەنبە) ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئىستانبۇل بوغۇزىدا باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر