دۇنيا بوكس چېمپىيونى: كەمىرىمنى ئەردوغانغا ھەدىيە قىلىشنى خالايمەن

رۇس رەقىبىنى يېڭىپ دۇنيا چېمپيونى بولغان سۈرىيەلىك بوكسىيور مەھمۇد ئۆمەر چار، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

861084
دۇنيا بوكس چېمپىيونى: كەمىرىمنى ئەردوغانغا ھەدىيە قىلىشنى خالايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بەرگەن دۇنيا بوكس چېمپىيونى چار، ئۇرۇشتىن قاچقان سۈرىيەلىكلەرگە قىلىنغان پىداكارلىقلار ئۈچۈن، ئېرىشكەن كەمىرىنى تۈركىيەگە ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 29 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، گېرمانىيە پۇقراسى بولالمىغانلىقىنى قەيت قىلغان مەھمۇد ئۆمەر چار، تۈركىيە پۇقراسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمۇد ئۆمەر چار ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيەدە رۇس رەقىبى ئالېكساندېر ئۇستىنوۋنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم دۇنيا چېپمىيونى بولغانىدى.

ئۇ، دۇنيا چېمپىيونى دېگەن ئۇنۋانغا ئوخشاشلا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان توغرىسىدىكى «ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدە دۇنيا چېمپىيونىدۇر. زىيارەت قىلىپ كەمەرنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىشنى خالايمەن. تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش مېنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاغا ۋە تۈرك خەلقىگە سۈرىيەلىكلەرگە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېگەن سۆزلىرى بىلەنمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر