تۈركىيە چېلىشىش چىمپېيونلۇقىدا سەككىز مېدالنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ماھىرلىرى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئالتە كۈن داۋاملاشقان دۇنيا 23 ياشتىن تۆۋەنلەر چېلىشىش چىمپېيونلۇقىدا جەمئىي سەككىز مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، زەپەر قۇچتى.

855958
تۈركىيە چېلىشىش چىمپېيونلۇقىدا سەككىز مېدالنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەلىك ئىككى ماھىر مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئەرلەر ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇھەممەت ئاقدېڭىز 70 كىلوگىراملىقلار بويىچە قازاقىستان ماھىرى زۇلفىقار مەخمەتوفنى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يىڭىپ مىس مېدالغا ئېرىشتى. گىرېكچە چېلىشىش تۈرى بويىچە فاتىھ جەنگىز 75 كىلوگىراملىقلاردا، بۇرھان ئاكبۇداك 80 كىلوگىراملىقلاردا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مۇرات تاغ بىلەن فاتىھ باشكۆي 98 كىلوگىراملىقلاردا مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئاياللار 48 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئەۋىن دەمىرخان بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، سۇلايمان ئاتلى ئەرلەر 57 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە، سەدات ئۆزدەمىر 61 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە چېلىشىش فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى مۇسا ئايدىن مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ كوماندىدىكى نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ئولىمپىك مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. فېدېراتسىيە خىزمەتلىرىنى ئۈزۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، 2017-يىلنى رېكورتلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق، چوڭلارنىڭ ياۋروپا چىمپېيونلۇقدا ئارىدىن 68 يىل ئۆتكەندىن كېيىن؛ دۇنيا چىمپېيونلۇقىدا ئارىدىن 55 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مېدالغا ئېرىشىش جەھەتتە رېكورت ياراتتۇق، 2018-يىلىدىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. دۇنيا 23-ياشتىن تۆۋەن چېلىشىش چىمپېيونلۇىدا دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تىلەيمەن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر