سونەر دەمىرتاش مىس مېدالغا ئېرىشتى

دۇنيا چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر 74 كىلوگىراملىقلار ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە مەيدانغا چۈشكەن سونەر دەمىرتاش، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

797449
سونەر دەمىرتاش مىس مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا داۋاملىشىۋاتقان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە مىللىي چېلىشچى، ئەزەربەيجانلىق جەبرايىل ھاسانوۋ بىلەن كۆمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشتى. مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا سەھنىدىن 0 گە قارشى 5 نومۇر بىلەن ئايرىلغان سونەر، دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى.

ئەزەربەيجانلىق رەقىبى ئۈستىدىن ناھايىتى ئاسانلا غەلىبە قىلغان مىللىي تەنھەرىكەتچى، دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدىكى تۇنجى مېدالىنى ئالغان بولدى.

سونەر دەرمىرتاش، يېقىنقى ئىككى قېتىملىقى ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىك مۇنبىرىگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر