تۈركىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە كوماندىسى، ياۋروپا ۋالىبول كونفېدراتسىيەسىنىڭ 2017 – يىللىق ياۋروپا ئەرلەر ۋالىبول چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

797142
تۈركىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە كوماندىسى، ياۋروپا ۋالىبول كونفېدراتسىيەسىنىڭ 2017 – يىللىق ياۋروپا ئەرلەر ۋالىبول چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ <د> گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىدە، گوللاندىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.

ئاي – يۇلتۇزلۇق تۈرك كوماندىسى ئەتە (27 – ئاۋغۇست يەكشەنبە) تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18:30 دا مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە بېلگىيە كوماندىسىغا قارشى مەيدانغا چۈشىدۇ.

بۇ يىل 30 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان،  4 گۇرۇپپا بويىچە 16 كوماندا رىقابەتلىشىدىغان مەزكۇر مۇسابىقىگە پولشانىڭ ۋارشاۋا، گدانسىكى، كراكوۋ قاتارلىق بەزى شەھەرلىرى ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

گۇرۇپپىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كوماندىلار بىۋاسىتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ؛ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان كوماندىلار بولسا، كېسىشتۈرمە ھالەتتە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، شاللاش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ. بۇ ئۆتكەلدىن غەلىبىلىك ئۆتكەنلەر، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كوماندىلار بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر