تۈركىيە چېلىشىشتا دۇنيا چىمپېيونى بولدى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چىمپېيونلۇقىدا تۈركىيە ماھىرى مەتەخان باشار ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

794643
تۈركىيە چېلىشىشتا دۇنيا چىمپېيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش چىمپېيونلۇقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، 85 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، چىمپېيون بولدى.

ئۇ گېرمانىيەلىك ماھىر كۇدلانى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى. ئۇ ت ر ت سپور قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى نىشانىنىڭ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چىمپېيون بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چىمپېيون مەتەخان باشارنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر