تۈركىيە ماھىرى چىمپىيون بولدى

16 – نۆۋەتلىك خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ماھىرى رامىل گۇلىيېۋ چىمپىيون بولدى.

788224
تۈركىيە ماھىرى چىمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە 7 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا، فەنەرماھۋە كوماندىسى ماھىرى رامىل گۇلىيېۋ 20.09 لۇق دەرىجىسى بىلەن ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

گۇلىيېۋ «‹ TRT Spor › قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا يىل بويى ئىشەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خەلقئارالىق يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغان ئېرىشىپ، بىزگە شان - شەرەپ قازاندۇرغان رامىل گۇلىيېۋنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر