تۈركىيە ماھىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى
ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېنىك ئاتلىتكا چىمپېيونلۇقىدا تۈركىيە ماھىرىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
785069
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا چىمپېيونلۇقىدا ئەرلەر 400 مېتىرغا توسۇق ئاتلاپ يۈگرەش مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى ياسمانى كوپېللو ئېسكوبار بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى.
ئەرلەر 3 مىڭ مېتىرغا سۇ توسۇقىدىن ئاتلاپ يۈگرەشمۇسابىقىسىدە ئەسلى كېنىيەلىك تۈركىيە پۇقراسى لانگات ئاكداغ 8 مىنۇت 53 سېكۇنت 42 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن 14-چىلىككە ئېرىشىپ، شاللىنىپ كەتتى.