ئەھمەت ئارسلان دۇنيا Red Bull 400 مۇسابىقىسىدە چىمپېيون بولدى
دۇنيا Red Bull 400 چىمپېيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈرك تەنھەرىكەتچى ئەھمەت ئارسلان بىرىنچى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىردىنبىر يۇقىرىغا قاراپ 400 مېتىر ئارىلىققا يۈگرەش مۇسابىقىسى بولغان دۇنيا Red Bull 400 چىمپېيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى، گېرمانىيەنىڭ تىتىسې – نېئۇستادت شەھىرىدە 40 دۆلەتتىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئەرلەر تۈرىدە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەھمەت ئارسلان، 03:31.01 لىك دەرىجىسى بىلەن، گېرمانىيەلىك ئانتون پالزېزنى 1 سېكۇنت پەرق بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. ئاياللار تۈرىدە بولسا، ئەجە باكىجى، 05:42.07 لىك دەرىجىگە ئېرىشىپ ئالتىنچى بولدى. بۇ تۈرنىڭ بىرىنچىلىكىنى ياپونىيەلىك يۇكارى تاناكا ئالدى.
ھاياتىدىكى 15 – قېتىملىق Red Bull 400 مۇسابىقىسىنىڭ ئون تۆتىدە غەلىبە قازانغان ۋە تارىخنىڭ تۇنجى دۇنيا چىمپېيونى بولغان ئەھمەت ئارسلان، «بۇ 15 – مۇسابىقىدە يۈگرەش ۋە غەلىبە قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. چۈنكى، بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش دېگەنلىك، دۇنيا چىمپېيونلۇقى ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇش دېگەنلىك بولاتتى، ناھايىتى خۇشالمەن» دېدى.