تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بېلارۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا چىمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

756566
تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بېلارۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىللىق (2017) ياۋروپا ۋاسكېتبول چىمپېيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە چېخىيە ساھىبخانلىق قىلدى. تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىدە، بېلارۇسىيە كوماندىسىنى 74 كە قارشى 88 نومۇر بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 22-ئىيۇن (پەيشەنبە) كۈنى باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر