ئايال ماھىرلارنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە ياغلىق ئارتىپ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى ئايال ماھىرلارنىڭ خەلقئارالىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە ياغلىق ئارتىپ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلدى.

725803
ئايال ماھىرلارنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە ياغلىق ئارتىپ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى ئايال ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىدە ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت قىلدى.

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى خوڭكوڭدا يىغىن چاقىرىپ ئايال ماھىرلار خالىغان ئەھۋالدا مۇسابىقىدە ياغلىق ئارتسا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بەلگىلىمە چىقاردى، بۇ قېتىمقى يىغىنغا  خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى ياۋروپا شۆبەسى باشلىقى تۇرگاي دەمىرەلمۇ ئىشتىراك قىلدى.

2017-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان بۇ بەلگىمىلىدە  كۆرسىتىلىشچە. ئايال ماھىرلار خالىغان تەقدىردە ياغلىق ئارتسا بولىدىكەن ۋە ياغلىق رەڭگىنىڭ قارار، ئاق  ياكى كوماندا فورمىسىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت ئىكەن، ئەگەر كوماندىدا بىر نەچچە ئايال ماھىر ياغلىق ئارتسا ياغلىق رەڭگى كوماندا فورمىسى بىلەن ئوخشاش  رەڭدە بولىدىكەن ، يۈز ياكى بويۇن ئەتراپىدا ياغلىقنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سىيرىتما ياكى تۈگمە بولمايدىكەن.

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى ئايال ماھىرلارنىڭ ياغلىق ئارتىشى توغرۇلۇق 2014-يىلى بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە سىناق مەقسىتىدە پەقەت مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردىلا 2  يىل سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىندى، بۇ بەلگىلىمە توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا سىناقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدراتسىيەسى تەشكىلىي ھەيئەت كېڭىشى  بىلەن ئەزا فېدراتسىيەلەر ئايال ۋاسكېتبولچىلارنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردىمۇ ياغلىق ئارتسا بولىدىغانلىقىغا قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر