ئىسپانىيەدە ئەنگلىيە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى جېدەل تېرىدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئەنگلىيەلىك 70تەك پۇتبول ھەۋەسكارلىرى جېدەل تېرىدى.

711064
ئىسپانىيەدە ئەنگلىيە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى جېدەل تېرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدراتسىيەسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە ئالتېىكو مادرىد (Atletico Madrid) بىلەن لېسېستېر سىتى (Leicester City) پۇتبول كوماندانلىرى مۇسابىقىلىشىشتىن ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدقا كەلگەن ئەنگلىيە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى جېدەل تېرىدى.

مادرىدنىڭ مايور مەيدانىغا تۈنۈگۈن كەچتە يىغىلغان ئەنگلىيەلىك 70تەك پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەتراپقا زىيان سېلىشقا قارىتا، ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئەنگلىيە پۇتبول ھەۋەسكارلىرى تېرىغان جېدەلدە 3ى ساقچى، 2سى پۇتبول ھەۋەسكارى بولۇپ جەمئىي 5 كىشى يارىلاندى، ئىسپانىيە ساقچىلىرى ئەنگلىيەلىك 8 پۇتبول ھەۋەسكارىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن مادرىدقا تەخمىنەن 3000  لېسېستېر سىتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى كەلدى.

تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان بورۇسسىيا دورتمۇند (Borussia Dortmund)-موناكو (Monaco)  مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن بۈگۈنكى مۇسابىقە ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەر ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر