بۈگۈن فەنەرباھچە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

بۈگۈن (15-فېۋرال) فەنەرباھچە كوماندىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ كراسنودار كوماندىسى، ئوسمانلىسپور كوماندىسى بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئولىمپىياكوس كوماندىسى ۋە بەشىكتاش كوماندىسى بىلەن ئىسىرائىلىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

673515
بۈگۈن فەنەرباھچە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىنىڭ 2-ئايلانمىسى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە داۋام قىلماقتا. تۈنۈگۈن ئىككى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيەنىڭ بايېرن مۈنچېن كوماندىسى 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارسېنال كوماندىسىنى يەڭدى.

ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنىڭ ناپولى كوماندىسىنى يەڭدى.

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىىرى بۈگۈن (16-فېۋرال) مۇ داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19:00 دا فەنەرباھچە كوماندىسى رۇسىيەنىڭ كراسنودار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 21:00 دە ئوسمانلىسپور كوماندىسى گىرېتسىيەنىڭ ئولىمپىياكوس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بەشىكتاش كوماندىسى بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاپوئېل بېئېر شېۋا كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 23:05 مىنۇت ئۆتكەندە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر