ئاردا تۇران خىتاي كوماندىسى بىلەن توختام تۈزدى

ئىسپانىيە بارسېلونا پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۈرك ماھىرى ئاردا تۇران خىتاينىڭ شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى بىلەن توختام تۈزدى.

650879
ئاردا تۇران خىتاي كوماندىسى بىلەن توختام تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك پۇلبولچى ئاردا تۇران شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنىڭ 60 مىليون ياۋرو (240 مىليون 600 مىڭ تۈركىيە لىراسى) لۇق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، كوماندا بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزدى.

ئاردا تۇران، ئالدىنقى پەسىلنىڭ بېشىدا 40 مىليون ياۋرولۇق (160 مىليون 532 مىڭ تۈركىيە لىراسى) يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن ئاتلېتىكو مادرىد كوماندىسىدىن بارسېلونا كوماندىسىغا ئۆتكەنىدى.

 ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، يىراق شەرق پۇتبول كوماندىلىرى ئاردا تۇراننى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنىڭ ئاردا تۇران ئۈچۈن بارچاغىمۇ يۇقىرى مىقداردا تەۋسىيەنامە بەدەل پۇلى بېرىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر