خەلقئارا پۇتبول مۇكاپاتى كېچىلىكى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلدى

دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇتبول مۇكاپاتلىرى كېچىلىكى پائالىيىتىدە ئەڭ ياخشى پۇتبولچى، ئەڭ ياخشى كوماندا، مۇنەۋۋەر رېپېر قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى.

640111
خەلقئارا پۇتبول مۇكاپاتى كېچىلىكى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنى رېئال مادرىد ۋە پورتۇگالىيە مىللىي كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان كىرىستىئانو رونالدو، 2016 – يىلىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ باھالاندى.

دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇتبول مۇكاپاتلىرى كېچىلىكى پائالىيىتىدە، رېئال مادرىدمۇ بۇ يىلنىڭ مۇنەۋۋەر كوماندىسى مۇكاپاتىنى ئالدى.

يەنە مارك كلاتتېنبۇرگقا مۇنەۋۋەر رېپېر، دەپ باھالاندى، سامۇئېل ئېتوئوغا بولسا، ئۆمۈر بۇيى ئۇتۇق مۇكاپاتى بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر