بۇ يىل ئەڭ قىممەت بىر پۇتبولچى مۇسۇلمان بولدى

پوگبا ئىسىملىك فىرانسىيەلىك پۇتبولچىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى رېكورت ياراتتى.

550070
بۇ يىل ئەڭ قىممەت بىر  پۇتبولچى مۇسۇلمان بولدى

پاۋۇل پوگبا 105 مىليون ياۋروغا يۇۋەنتۇس ( Juventus) پۇتبول كوماندىسىدىن مانچېستېر (Manchester United) پۇتبول كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، گارتېس بالېنىڭ يۆتكىلىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

شۇنداق قىلىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت بىر پۇتبولچىسى مۇسۇلمان بولدى. پوگبانىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. تېگى گانالىق بولغان فىرانسىيەلىك پۇتبولچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، ياۋروپادا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان ئىسلامدىن ئەندىكىش ھادىسىسىگە قارشى ناھايىتى ياخشى جاۋاب بولۇشى مۇمكىن. تولىمۇ ئەپسۇسكى، دائېش ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا دەخلى يەتمەكتە. مۇسابىقىلارغا دۇئا ئوقۇپ چۈشىدىغان، روزا تۇتىدىغان پوگبا، توپ ئاتقاندا چوڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىلا ئەمەس، بالىلارمۇ سۆيىنىدۇ. پوگبا ناھايىتى ياخشى ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر