تۈركىيە ماھىرلىرى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرىدىن سەلچۇق چەبى بىلەن رىزا قايائالپ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن grand prix  مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، چېمپىيون بولدى.

523812
تۈركىيە ماھىرلىرى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېلىشىش فېدېراتسىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2 – 3 – ئىيۇل كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ دورمۇند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 19 دۆلەتتىن 300 گە يېقىن ماھىر قاتناشقان مۇسابىقىدە تۈركىيە 2 ئالتۇن، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئۈچىنچى بولغان. تۈركىيەگە ۋەكالىتەن 2016 – يىللىق Rio  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان مىللىي ماھىرلىرىمىزدىن سەلچۇق چەبى، جەنك ئىلدەم ۋە رىزا قايائالپ grand prix  مۇسابىقىسىگە ئىشتىراك قىلغان. مۇسابىقىدە   سەلچۇق چەبى بىلەن رىزا قايائالپ چېمپىيون، جەنك ئىلدەم بەشىنچى بولغان، مەتەھان باشار، بارىش قايا، مەھمەت ئەمىن ئۆگۈت ۋە مۇستافا زوپالى مىس مېدالغا ئېرىشكەن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر