تۈرك پۇتبول چولپىنى بۇراق بىلەن بىر خىتاي پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى

بېيجىڭ گوئەن پۇتبول كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقان تۈرك پۇتبول چولپىنى بۇراق يىلماز بىلەن خېنەن جىيەنيې پۇتبول كوماندىسىدىكى بىر پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.

523054
تۈرك پۇتبول چولپىنى بۇراق بىلەن بىر خىتاي پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى

ئىگلىنىشىچە، خىتاي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى كوماندىلىرىدىن بېيجىڭ گوئەن پۇتبول كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتقان تۈرك پۇتبول چولپىنى بۇراق يىلماز بىلەن رىقابەتچى پۇتبول كوماندىسىدىكى بىر پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىققان.

تۈرك پۇتبولچى بۇراق يىلماز خىتاي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 16-ھەپتىسىدە خېنەن جىيەنيې پۇتبول كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ گوئەن پۇتبول كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىگە قاتناشتى.

مۇسابىقىدە داۋاملىشىۋاتقاندا بۇراق يىلماز بىلەن قارشى تەرەپ كوماندىدىكى جىنباۋ جۇڭ ئىسىملىك بىر خىتاي پۇتبولچى سوقۇلۇپ كەتتى. نەتىجىدە ئىككى پۇتبولچى ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.

ئىككى كوماندىنىڭ پۇتبولچىلىرى ئارىغا كىرىپ جېدەلنى بېسىقتۇردى، بۇراق يىلماز بولسا جازالاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر