تۈركىيە ماھىرى خىتاي ماھىرىنى يەر چىشلەتتى
دۇنيا بوكس بىرلىكى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۈركىيە ماھىرى ياسىن يىلماز رەقىبىنى يەر چىشلەتتى.
444853
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەربىيە كۇلۇبىدىن «تۈركىيە فاتىھلىرى 1453» كوماندىسى بېيجىڭدا خىتاينىڭ « China Dragons» كوماندىسى بىلەن جەڭگە چۈشكەن. مۇسابىقىدە ياسىن يىلماز 60 كىلوگىراملىقلار بويىچە رەقىبىنى يېڭىپ، كوماندىسىغا غايەت زور ئۇتۇق قازاندۇرغان.