بەشىكتاش كوماندىسى كۈرىشىنى باراۋەرلىك بىلەن باشلىدى
UEFA ياۋروپا لىگى (C) گۇرۇپپىسىدا بەشىكتاش كوماندىسى تۇنجى ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە گىرېتسىيە كوماندىسى ئاستېراس تىرىپولىس بىلەن 1:1 تەڭلىشىپ قېلىپ، 2 نومۇرنى قولدىن بېرىپ قويدى
132137
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەشىكتاش كوماندىسى كۈرىشىنى باراۋەرلىك بىلەن باشلىدى.
UEFA ياۋروپا لىگى (C) گۇرۇپپىسىدا بەشىكتاش كوماندىسى تۇنجى ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە گىرېتسىيە كوماندىسى ئاستېراس تىرىپولىس بىلەن 1:1 تەڭلىشىپ قېلىپ، 2 نومۇرنى قولدىن بېرىپ قويدى.
خېلى ئۇزۇنغىچە غالىبىيەت بىلەن كۈرەش قىلغان بەشىكتاش كوماندىسى، ئاخىرقى مىنۇتلاردا بىر توپ يەپ، 1:1 تەڭلىشىپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بەشىكتاش كوماندىسى، ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئەنگىلىيەنىڭ Tottenham كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.