بەشىكتاشنىڭ پەخرىي رەئىسى ئالەمدىن ئۆتتى

بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ پەخرىي رەئىسى سۇلايمان سەبا تۈنۈگۈن 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

90728
بەشىكتاشنىڭ پەخرىي رەئىسى ئالەمدىن ئۆتتى

بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ پەخرىي رەئىسى سۇلايمان سەبا تۈنۈگۈن 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
نەپەس يولى ياللۇغلىنىش كېسىلىگە دۇچار بولۇپ بالنىستقا ئېلىنغاندىن بايقالغان سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغان سەبا خېلىدىن بېرى ئىستانبۇلدا داۋالىنىۋاتاتتى. سەبانىڭ ۋاپاتى بەشىكتاش كۇلۇبى مەنسۇپلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ باشلىقى فىكرەت ئورمان، سابىق بەشىكتاش مەسئۇللىرى، بەشىكتاش تەنتەربىيەچىلىرى، ئومۇمىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا تەرەپدار دوختۇرخانىغا باردى. سەبانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن بەشكىتاش كۇلۇبى تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى. تېلېگراممىدا، «بەشىكتاشىمىزنىڭ تارىخىدا ئىز قالدۇرغان، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاق – قارا (بەشىكتاش رەڭگى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ھالەتتە ئۆتكۈزگەن، كۆڭلى ۋە ئەقلىدە پەقەت بەشىكتاشلا بار بولغان، ھەردائىم يول كۆرسەتكۈچىمىز ۋە سېپىمىزنىڭ بىرلەشتۈرگۈچىسى بولغان پەخرىي باشلىقىمىز سۇلايمان سەبادىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ چوڭقۇر قايغۇسىنى تارتماقتىمىز» دېيىلدى. تېلېگراممىدا يەنە، «بەشىكتاش مەۋقەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى سۇلايمان سەبا بۇنىڭدىن كېيىن قەلبىمىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بەشىكتاش ئائىلىسى ئىچىدە ياشايدۇ... ئەسلىمىلىرى ئەقلىمىزدىن قەتئىي چىقمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
سۇلايمان سەبانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا كۇلۇبلارمۇ تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
سەبا ئەتە ئىستانبۇلدا يەرلىككە قويۇلىدۇ. سەبانىڭ جىنازا نامىزىدىن ئىلگىرى ۋودافون ئارېنا زالىدا سائەت 11 دە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر