ئاتلېتىكو مادرىدقا شۇم خەۋەر

ئاردا تۇراننىڭ پۇتى زەخمىلەنگەنلىكتىن مەشىقىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

90033
ئاتلېتىكو مادرىدقا شۇم خەۋەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ئاتلېتىكو مادرىد فورمىسىنى كىيگەن ئاردا تۇراننىڭ پۇتى زەخمىلەندى. مادرىد كۇلۇبىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوڭ يوتىسى زەخمىلەنگەن پۇتبولچىنىڭ مەشىقنى يېرىم يولدا توختاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن قانچىلىك دەم ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر