دۇنيا لوڭقىسى بىر تارىخىي مۇسابىقىگە سەھنە بولدى

دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيە مەيدانغا چۈشتى.

122673
دۇنيا لوڭقىسى بىر تارىخىي مۇسابىقىگە سەھنە بولدى

دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيە مەيدانغا چۈشتى.
بىرازىلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىخىي مۇسابىقىلەردىن بىرىگە سەھنە بولدى. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلغان بىرازىلىيە كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسىغا 7 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مەغلۇپ بولدى.
مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئىككىنچى كوماندىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان گوللاندىيە – ئارگېنتىنا كوماندىلىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەتىجىسىدە مۇئەييەنلىشىدۇ. تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 11 (ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 2) دە باشلىنىدىغان مۇسابىقىدە تۈرك رىپىر جۈنەيت چاكىر ۋە سەپداشلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولسا، 13- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى رىئو دې جانېئىرو شەھىرىنىڭ تارىخىي باراسانا تەنتەربىيە زالىدا تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 10 (ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 1 دە) دا باشلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر