خەلقئارالىق يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
ھازار دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىدە فىرانسىيەلىك ماھىرلار غەلىبە قىلدى.
120471
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازار دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئەرلەر ۋە ئاياللار تۈرى بويىچە فىرانسىيەلىك ماھىرلار غەلىبە قىلدى.
تۈركمەنىستاننىڭ ئاۋازا رايونىدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىگە 22 دۆلەتتىن كەلگەن 71 ماھىر قاتناشتى. شامالنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن مۇسابىقە پات – پات توختاپ قىلشقا مەجبۇر بولدى.
فىرانسىيەلىك ماھىر جۇان ئانتونىيو ئاراگون ئەرلەر بويىچە، دېلفىن كوسىن ئاياللار تۈرى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.