دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقلىرى ئاخىرلاشتى

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئايلانما مۇسابىقلىرى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشتى.

115154
دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2014 دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى 2-باسقۇچلۇق ئايلانما مۇسابىقىلىرى تۈنۈگۈن ئوينالغان بېلگىيە-ئامېرىكا ۋە ئارگېنتىنا-شىۋېتسارىيە مۇسابىقىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
تۈنۈگۈنكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە ساۋ پاۋلو تەنتەربىيە مەيدانىدا ئارگېنتىنا بىلەن شىۋېتسارىيە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا شىۋېتسارىيەنى مەغلۇپ قىىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشكە مۇۋاپپەق بولدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا ئامېرىكىنى 2گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن بېلگىيە ئارگېنتىنانىڭ رەقىبى بولدى.
دۇنيا لوڭقىسىدا 2 كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن 4-ئىيۇل جۈمە كۈنى فىرانسىيە-گېرمانىيە ۋە بىرازىلىيە-كولومبىيە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقىلار ت ر ت 1 ۋە ت ر ت 3 تەنتەربىيە قانىلىدا بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر