دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى 14 – ئىيۇن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە باشلىنىدۇ.

92076
دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2– نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇسابىقىسىگە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن 150 پۇتبولچى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ھەر قايسى جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، 2014 – يىلى 14 – ئىيۇن قەيسەرىدىكى ۋالىي نىھات جانبولات تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇسابىقىنىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00 تە، قەيسەرى قادىر خاس كونگرە مەركىزىدە «ئۇچرىشىش كېچىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى، 2011 – يىلى 27 – ئىيۇلدىن 30 – ئىيۇلغىچە گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر