بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

شىپا بۇلىقى - 48

1862070
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۆسۈملۈك چايلىرى بىلەن مېتابولىزىمنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئورۇقلاش ۋە ماينى كۆيدۈرۈش جەريانىنى قولايلاشتۇرالايسىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مايلىق رايونلارغا روزېمارىيە مېيى، كۈنجۈت يېغى ۋە لىمون پوستى مېيى سۈرسە بولىدۇ.

1) يېشىل چاي

ئىنتايىن كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، دائىم يېشىل چاي ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. جۈملىدىن، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش ئارقىلىق بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدۇ.

ئارىلاشما ئۆسۈملۈك چېيى تەييارلاش ئۇسۇلى:

• 4 چاي قوشۇقى يېشىل چاي،

• 4 چاي قوشۇقى ھەمراھى چاي (پاراگۋاي چېيى) يوپۇرمىقى،

• 2 چاي قوشۇقى  چۆل رەيھىنى،

• 2 چاي قوشۇقى چاققاق ئوت يوپۇرمىقى،

• 1 لىتىر سۇ.

2) دارچىن

قاندىكى قەنتنى تەڭشەش بىلەن بىللە مېتابولىزمنى قوزغىتىدىغان دارچىن، ئىشتىھانى باسىدۇ ۋە قورساقنى توق تۇتىدۇ.

• دارچىننى سۈت ياكى قېتىق بىلەن تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق دارچىن ئۈچەيلىرىڭىزنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.

• ئەگەر دارچىننى دەملەنگەن چايغا تالقان شەكلىدە قوشسىڭىز، چايغا يېقىملىق پۇراق بېرىدۇ.

• قوۋزاق دارچىننى ئىچىملىك ​​سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنى لىمون، پىننە، ياۋروپا كەرەپشىسى ۋە دارچىن بىلەن ئۇرۇقلىتىدىغان ئۆسۈملۈك ئارىلاشمىلىرىغا ئايلاندۇرۇپمۇ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

3) ياۋروپا كەرەپشىسى

ياۋروپا كەرەپشىسى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. ئۇنى ماينى كۆيدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئۇنى ئىسسىق سۇ بىلەن دەملەپ، چاي شەكلىدە ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ياۋروپا كەرەپشىسى لىمون ئارىلاشمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:

بىر تۇتام پاكىز ۋە يېڭى ياۋروپا كەرەپشىسىنى بىر پىيالە لىمون سۈيى ۋە بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىللە ئېزىش ماشىنىسىدا تاكى ماتېرىياللار تەكشى ھالغا كەلگەنگە قەدەر ئېزىڭ. ئاندىن ئۇنى ئىچىڭ.

4) ھەمراھى چاي (پاراگۋاي چېيى) يوپۇرمىقى

ھەمراھى چاي، توختاپ قالغان مېتابولىزمنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئورۇقلاش جەريانىڭىزنى باشلىتىدۇ. ئۇ يەنە، ئادەمنى قارنى توقتەك ھېس قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاز قورساق ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ماتېرىياللار:

• 1 قوشۇق قۇرۇتۇلغان ياكى ئېزىلگەن ھەمراھى چاي يوپۇرمىقى

• 200 مىللىلىتىر سۇ

تەييارلاش ئۇسۇلى:

ئالدى بىلەن، 200 مىللىلىتىر سۇنى، يەنى 1 ئىستاكان سۇنى قاينىتىڭ. بۇ قايناق سۇغا ھەمراھى چاي يوپۇرماقلىرىنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، بۇ يوپۇرماقلارنى 7 - 8 مىنۇت دەملەڭ.

5) روزېمارىيە

سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش ۋە ئورۇقلاش جەريانىدا روزېمارىيە چېيى ئىچىڭ. 1 چاي قوشۇقى روزېمارىيەنى قايناق سۇدا دەملەپ، دائىم ئىستېمال قىلىڭ.

6) سۇ قىچىسى

ناشتىلىقلىرىڭىزدا بىر ئىككى چىمدىم سۇ قىچىسى ئىستېمال قىلسىڭىز، پايدىلىرىنى كۆرىسىز.

7)  چاققاق ئوت

ئۇ كۈچلۈك شەكىلدە سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇپ، بەدەننى ماينى كۆيدۈرۈشكە تەييارلايدۇ.

8) زەنجىۋىل

ئۇ سۈيدۈك ھەيدەش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

• ئۇنى تالقان سۈپىتىدە ئۆسۈملۈك چاي شەكلىدە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

• ئۇنى ئىچىملىك سۈيىڭىزگە قوشۇپ، لىمون بىلەن بىر پارچە قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

9) چۆل رەيھىنى

ئورۇقلاش جەريانى ئالدى بىلەن سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ، ماينى كۆيدۈرۈش بىلەن داۋاملىشىدۇ.

• چۆل رەيھىنىنى سالاتلارغا دورا-دەرمان ھالىتىدە قوشۇپ، ئىستېمال قىلسىڭىز، پايدىلىرىنى كۆرىسىز.

• ئۇنى قاينداق سۇدا دەملەپ ، چاي سۈپىتىدە ئىستېمال قىلسىڭىز، ماينىڭ كۆيۈشىنى تېزلىتەلەيسىز، شۇنىڭ بىلەن، ساغلام ئۇسۇلدا ئورۇقلىيالايسىز.

10)  ئەينۇلا چېچىكى

• ئىچىملىك ​​سۇغا ئەينۇلا چېچىكى ۋە لىمون قوشۇش ئارقىلىق ماينىڭ كۆيۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

• ئۇنى قايناق سۇدا دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىشكە بولىدۇ.

11) پىننە

ئۇنى سالات، ئىچىملىك ​​سۇ، قېتىققا قوشۇپ، خام ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنى بارلىق تاماقلارغا تېتىتقۇ قىلىپ قوشقىلى بولىدۇ. پىننە ھەم قورساقنى توق تۇتىدۇ، ھەمدە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ.

12) گىلاس غولى

گىلاس غولىنى قۇرۇتۇپ، چاي قىلىپ، دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، ئۈچەيلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۈچەيلەر ھەرىكەتكە كەلگەندە بولسا، ئۇرۇقلاش باشلىنىدۇ.

قۇرۇتۇلغان گىلاس غولىنى شېشىدە ساقلاپ، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

13) بەدىيان ۋە ئېرىكا يوپۇرمىقى

14) قەلەمپۇر چېيى

2 تال قەلەمپۇرنى قايناق سۇغا تاشلاپ، بىر ئاز دەملەڭ. ئاندىن بىر قاچىدا 1 چاي قوشۇقى ھەسەل ۋە 1 قوشۇق ئالما سىركىسىنى سۇغا ئىلاۋە قىلىڭ. ياخشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاغزىنى يېپىپ، ئىستاكاندا سوۋۇشىنى كۈتۈڭ. بۇ ئارىلاشمىنى ئەتىگەندە ناشتىدىن 1 سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىڭ. بۇئۇسۇلنى 1 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن، ھەر كۈنى تەكرارلىسىڭىز بولىدۇ.

15) دارچىن ۋە زەنجىۋىل چېيى

ماتېرىياللار

1 تال قوۋزاق دارچىن، 1 تال زەنجىۋىل، 1 چاي قوشۇقى قارىمۇچ، 1 لىتىر سۇ، 6 دانە لاچىندانە، 2 تال قەلەمپۇر ۋە 1 ھەسەل قوشۇقى ھەسەل.

بىر قاچىغا قارىمۇچ ۋە ھەسەلدىن باشقا بارلىق ماتېرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇپ، 3 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەسەل ۋە قارىمۇچ ئىلاۋە قىلىڭ. بۇ چايدىن ھەر كۈنى چۈشتە ۋە كەچتە 3-4 ئىستاكان ئىچسىڭىز بولىدۇ.

16) زەنجىۋىل چېيى، لىپا ۋە چۆل يالپۇزى چېيى

17) لىپپىيە چاتقىلى چېيى

بىر قەھۋە چەينىكىگە 2 ھەسەل قوشۇقى لىپپىيە چاتقىلى ئىلاۋە قىلىپ، قاينىتىڭ. ئاغزىنى يېپپىپ، 2-3 مىنۇت دەملەڭ. ئاندىن، 5 مىنۇت ساقلاپ، سوۋۇتۇڭ. تەييار بولغاندا، ئۇنىڭغا 1 چاي قوشۇقى پىننە ئىلاۋە قىلىڭ.

18) ئاق چاي

چۈشلۈك تاماقتا 2 ئىستاكان ئاق چاي ئىچىش ئارقىلىق ماينىڭ ساقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر