كۆزنى ئاسراشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 43

1851626
كۆزنى ئاسراشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى

كۆزنى ئاسراشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇللىرى

 (مەھمەت ئۇچار)

ئاددىي تەبىئىي ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزلىرىمىزدە كۆرۈلگۈسى جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن.

بەزى يېمەكلىكلەرنى داستىخاندىن كەم قىلماڭ

بۇ يېمەكلىكلەرنى پىرىنسىپلىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىشىڭىز كۆز ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

كۆز ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن، ئارگۇلا، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا، پالەك، ئاپېلسىن، بۇغداي ۋە قارا بۇغداي  قاتارلىق قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەر ھەم دانلىق زىرائەتلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىڭ.

سىنىك مول پۇرچاق، نۇقۇت، قىزىل گۆش ۋە ئۆي قۇشلىرى كۆزنى نۇرنىڭ بۇزۇلۇشىدىن قوغدايدۇ.

تەركىبىدە ۋىتامىن A بار بولغان سەۋزە، پالەك، تاتلىق بەرەڭگە، ئوسۇڭ، كۈدە ۋە ياۋروپا كەرەپشىسى قاتارلىق ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەر،  تۇننا بېلىقى، سالمون بېلىقى، ئۆچكە سۈتى، كالا سۈتى، تۇخۇم ۋە جىگەر قاتارلىق ھايۋانات خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەر كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ.

كۆزگە سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلى ئۈچۈن سەۋزە، چامغۇر شەربىتى، تۇخۇم سېرىقى ۋە بروككولى قاتارلىق يېمەكلىكلەرمۇ داستىخىڭىزنىڭ تۆرىدىن دائىم ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ.

تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن:

• بىتا كاروتىن مەنبەلىرى: سەۋزە ۋە سەۋزە شەربىتى، تاتلىق بەرەڭگە، كاۋا، ئاپېلسىن ۋە ئاپېلسىن شەربىتى، قوغۇن، مانگو، ئۆرۈك، يېسىۋىلەك، پالەك، تولدۇرمىلىق قىزىلمۇچ، بىريۇسسېل مايسىسى ۋە بېلىق مېيى.

• ۋىتامىن C مەنبەلىرى: سىترىس مېۋىلىرى ۋە شەربەتلىرى، گىلاس، مالىنا، بۆلجۈرگەن، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ، مايمۇن شاپتۇلى، بروككولى، يېشىلمۇچ ۋە قىزىلمۇچ، كورنۇس ۋە يېسىۋىلەك.

• ۋىتامىن E مەنبەلىرى: بۇغداي ئۇرۇقى، بادام ۋە بادام يارمىسى، يەر ياڭىقى ۋە يەر ياڭىقى يارمىسى، ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى، پېرسېيە نەشپۈتى ۋە تۇخۇم.

• لۇتېن ۋە زىكسانتىن مەنبەلىرى: كاللەكبەسەي، پالەك، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا،  سۇ قىچىسى ۋە چامغۇر شەربىتى بۇ ئۇزۇقلۇقلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. باشقا ياخشى مەنبەلەر بولسا؛ كۆك پۇرچاق، كۆممىقوناق، ئوسۇڭ، بروككولى، سەي كاۋىسى، سەۋزە، بىريۇسسېل مايسىسى قاتارلىقلاردۇر.

• سىنىك ۋە سېلېن مەنبەلىرى: سىنك كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يەر ياڭىقى، كاۋا ئۇرۇقى، ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سىنىك جەھەتتە ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

 

گىرىم بۇيۇملىرىڭىزنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ

سۇيۇقلۇق ياكى يۈز مېيىغا ئوخشىغان بۇيۇملاردا باكتېرىيەلەر ئاسانلا كۆپىيىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۇدا 3 ئايدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سۇيۇق گىرىم بۇيۇملىرىڭىزنى ئىشلەتمەڭ.

ئەگەر سىزدە كۆز يۇقۇملىنىش بولسا، بارلىق بۇيۇملىرىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىرپىك ئەتراپىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كۆزگە ئىشلىتىدىغان گىرىم بويۇمى سۈرمەڭ. چۈنكى كىرپىك سىزىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياش ئاققۇزۇش يوللىرى بار بولۇپ، بۇلارمۇ توسۇلۇش ۋە يۇقۇملىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گىرىم بۇيۇملىرىڭىزنى ھەر كۈنى كەچتە كۆزگە ئۇيغۇن تازىلىغۇچلار بىلەن تازىلاڭ. گىرىم بۇيۇملىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ھەر 20 مىنۇتتا بىر  20 سېكۇنت ئارام ئېلىڭ

كومپيۇتېر ئېكرانىغا قارىسىڭىز كۆزىڭىزنى بۇزىۋەتمەيدۇ، لېكىن ھارغىن ۋە قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، بىز ئادەتتا كۆزىمىزنى مىنۇتىغا (10-12 قېتىم) يۇمۇپ  ئاچىمىز، ئەمما ئېكرانغا قارىغىنىمىزدا، كۆزىمىزنى مىنۇتىغا  5 – 6 قېتىم يۇمۇپ ئاچىمىز. كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھەر 20 مىنۇتتا 20 سېكۇنت يىراققا نەزەر سېلىڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېكرانىڭىز 50 سانتىمېتىر يىراقلىقتا ۋە ئېكراننىڭ ئۈستۈنكى چېتى كۆز سەۋىيەڭىزنىڭ ئاستىدا بولسۇن. ئەكىس ئەتكەن نۇر مەنبەلىرىنى توسۇشقىمۇ سەل قارىماڭ.

 ئالاقىلىشىش لىنزىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ

ئەگەر ئالاقىلىشىش لىنزىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇلارنى تازىلاشقا بەك دىققەت قىلىڭ. بولمىسا، كۆز يۇقۇملىنىش خەۋىپى ئاشىدۇ. ئالاقىلىشىش لىنزىسىنى كىيىش ۋە سېلىۋېتىشتىن بۇرۇن قوللىرىڭىزنى سوپۇن سۈيى بىلەن يۇيۇڭ. لىنزا قېپىدىكى يىلىمنى سىستېمىلىق ھالدا ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇڭ. قېپىڭىزنى ھەر 2-3 ئايدا بىر قېتىم يېڭىلاڭ. لىنزىڭىزنى تەۋسىيە قىلىنغان ۋاقىتتىن ئۇزۇن ئىشلەتمەڭ. ئالاقىلىشىش لىنزىلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئۇخلىماڭ، مۇنچىغا كىرمەڭ ۋە يۇيۇنماڭ.

ياز ۋە قىشتا قارا كۆزەينەك ئىشلىتىڭ

ئۇلترا بىنەپشە نۇر سىزنىڭ كۆزىڭىزگە، شۇنداقلا تېرىڭىزگە زىيان سالىدۇ، ھەمدە كۆزگە ئاق چۈشۈش، مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ كۆيۈپ كېتىشى، ھەتتا قاپاق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  سېرىق داغ كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىرتقا چىققاندا، ھاۋا تۇتۇق بولسىمۇ، ياز – قىش دېمەستىن قارا كۆزەينەك تاقاش كېرەك.

بىخەتەرلىك كۆزەينىكىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

كۆز يارىلىنىشنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىش ئەمەس، ئۆي ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۆيدە رېمونت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە، بولۇپمۇ توپ تەنتەربىيەلىرى جەريانىدا چوقۇم بىخەتەرلىك كۆزەينىكىنى تاقاڭ.

تاماكا چەكمەڭ

تاماكا چېكىش ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزگە سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل. تاماكا يەنە كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە كۆزىڭىزنى قۇرۇتىدۇ. شۇنداقلا، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، كۆز تومۇرلىرىدا توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ. تاماكا چېكىشنى توختاتقىنىڭىزدا، كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىڭىز تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيەسىگە تۆۋەنلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر