ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟

1238251
ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 143 – 146 – ئايەتلەر. (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋەياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!»[143]. (ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى) ياراتتى، (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋەياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[144]. (ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋەياكى چوشقا گۆشى ـ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ـ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىنى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر[145]. يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر، بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز[146].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر