ئابدۇلخالىق گۈجدۇۋانىي: تۈرك تەسەۋۋۇپىنىڭ ئۇل تېشى

تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (04)

2235136
ئابدۇلخالىق گۈجدۇۋانىي: تۈرك تەسەۋۋۇپىنىڭ ئۇل تېشى

تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (04)

ئابدۇلخالىق گۈجدۇۋانىي تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، خوجىگان سىلسىلىسىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. بۇخاراغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۈجدۈۋان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆزىنىڭ «رىسالەئى ساھىبىييە» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاتىسى ئىمام مالىكنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ھەم زاھىرىي ھەم باتىنىي ئىلىملەردە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە مالاتيالىق ئابدۇلجەمىل ئىمامدۇر.

ياشلىق مەزگىلىدە ئوقۇش ئۈچۈن بۇخاراغا بارغان ئابدۇلخالىق، بۇ يەردە ئىمام سەدرىددىننىڭ يېنىدا تەپسىر دەرسلىرى ئالغان. بىر كۈنى، «رەببىڭلارغا يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ۋە يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقانلارنى ياقتۇرمايدۇ» (ئەل-ئەئراف 7/55) ئايىتىنىڭ تەپسىرى جەريانىدا، دۇئانىڭ مەخپىيلىكى توغرىسىدا تەرەددۇت قىلغان ۋە بۇ مەسىلىنى ئۇستازىدىن سورىغان. سەدرىددىن بۇ مەسىلىنىڭ ئىلمى لەدۇنگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىزىر ئۇچراپ ئابدۇلخالىققا سۇ ئاستىدا كەلىمەئى شاھادەتنى تەكرارلاشنى ئۆگىتىپ، مەخپىي زىكىر ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن. شۇنداقلا زىكىرنىڭ ساناپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

22 يېشىغىچە خىزىرنىڭ مەنىۋى تەربىيەسى ئاستىدا ئۆتكەن ئابدۇلخالىق، كېيىنچە بۇخاراغا كەلگەن داڭلىق تۈرك سوپىسى يۈسۈپ ئەل-ھەمەدانىينىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغا قېتىلغان. ھەمەدانىي زىكىردە ئاشكارا ئۇسۇلنى قوللانسىمۇ، ئابدۇلخالىقنىڭ خىزىردىن ئۆگەنگەن مەخپىي زىكىرنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇ مەزگىلدە، خىزىر ئابدۇلخالىقنىڭ مەنىۋى تەربىيەسىنى ھەمەدانىيگە تاپشۇرغان. شۇ سەۋەبتىن، خىزىر ئابدۇلخالىقنىڭ زىكىر تەلقىن قىلغۇچى ۋە سوپىلىق يولىغا باشلىغۇچى پىرى؛ ھەمەدانىي بولسا، سۆھبەت پىرى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، ھەمەدانىينىڭ ئابدۇلخالىققا تونىنى بېرىشى سەۋەبىدىن، سىلسىلىدە ئەسلى مۇرشىدى سۈپىتىدە ھەمەدانىي ئورۇن ئالماقتا.

ھەمەدانىي بۇخارادىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان ئابدۇلخالىق، بۇ يەردە چىللىگە چۈشكەن ۋە رىيازەت بىلەن مەشغۇل بولغان. بۇ جەرياندا داڭقى تارقالغان ۋە يىراق يەرلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن. ھەمەدانىينىڭ خەلىپىلىرىدىن ئەھمەد يەسەۋىينىڭ تۈركىستاندا ئىسلامىيەتنى تارقىتىش ئۈچۈن بۇخارادىن ئايرىلىشى نەتىجىسىدە، ئابدۇلخالىق بۇخارا ۋە ئەتراپىدىكى دەرۋىشلەرنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنى گۈجدۈۋاندىكى تەككىدە ئۆتكۈزگەن ئابدۇلخالىق، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مۇنتىزىم ھالدا جەم بولغان.

ئابدۇلخالىق گۈجدۈۋانىي خوجىگان يولىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

-ھەر نەپەستە غەپلەتتىن يىراق بولۇش.

-ئىنسانىي سۈپەتلەردىن پاكلىنىپ ئىلاھىي سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلىنىش.

-يول ماڭغاندا كۆزلەرنى زۆرۈر ئەھۋاللاردىن باشقا چاغدا پۇتتىن ئايرىماسلىق.

-تاشقىرىدا خەلق بىلەن، ئىچتە ھەق بىلەن بىللە بولۇش.

-تىل ۋە زىكىر بىلەن بىرگە، قەلب زىكرىنى ئىجرا قىلىش.

-زىكىر جەريانىدا «ئىلاھى، ئەنتە مەقسۇدى ۋە رىزاكە مەتلۇبى» (ئاللاھىم! مەقسىتىم سەن ۋە تەلەپ قىلغىنىم سېنىڭ رازىلىقىڭدۇر) دېيىش.

-كاللىنى مەشغۇل قىلىدىغان پىكىرلەردىن يىراق تۇرۇش.

-زىكىر سەۋەب بولغان ئويغاقلىقنى داۋاملاشتۇرۇش.

ئابدۇلخالىق گۈجدۈۋانىينىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت، بەزى مەنبەلەرگە كۆرە 1179 يىلى،  يەنە بەزى مەنبەلەرگە كۆرە بولسا 1220-يىلى ۋاپات بولغانلىقى بايان قىلىنماقتا. ئۇنىڭ مەنىۋى مىراسى، بولۇپمۇ تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئۈنۈملۈك بولغان. ئابدۇلخالىق گۈجدۈۋانىي پەقەت بىر سوپى يېتەكچى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە قارىلىدۇ.

*** *** ***********************

ئابدۇلخالىق گۈجدۈۋانىي تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە ھەم تۈرك مەدەنىيىتىنى ھەم ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنى بىرلەشتۈرگەن بىر شەخستۇر. ئۇنىڭغا كۆرە، تەسەۋۋۇپ پەقەت شەخسىي سەپەر بولۇپلا قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي بىر مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۈرك جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىي ھاياتىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن، ئۇلارنىڭ كىملىكىدە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرغان. گۈجدۈۋانىينىڭ تەلىماتلىرى ۋە تەسىرى، بولۇپمۇ تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە چوڭقۇر ھېس قىلىنغان ۋە ئەسىرلەر بويى تۈرك سوپىزىملىقىغا يۆنىلىش بەلگىلىگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر