سەپەرنامە (04)

كوچىلار، يادىكارلىقلار ۋە ئابىدىلەر: تەكسىمدىن ئىستىقلالغىچە

2234661
سەپەرنامە (04)

سەپەرنامە (04)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تىڭشىغۇچىلار! «سەپەرنامە» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى بىلەن ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مەن سەيران. تۈركىيەنى كەشىپ قىلىش يولىدىكى بۇ ھاياجانلىق سەپىرىمنىڭ تۇنجى بېكىتى ئىستانبۇل بولدى. شەھەرنىڭ يۈرىكى تەكسىمدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتىمەن. تۇنجى كۈنى تەكسىم مەيدانى ۋە ئىستىقلال كوچىسىنى ئايلاندىم. بۇ يەرلەردە كەشىپ قىلغۇدەك شۇنچە كۆپ جاي بار ئىكەنكى، كېچىنى راھەت ئۇخلاپ، ئېنېرگىيە توپلىدىم ۋە ئەمدى ھەر دەقىقىسىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا بەل باغلىدىم.

*** **** **** *** **** ***

ئەتىگەندە سەھەردە بۇ گۈزەل رايوننى كەشىپ قىلىشقا قارار قىلدىم. تەكسىم مەيدانى ئىستانبۇلنىڭ يۈرىكى دەپ ئاتىلىدىغان ھەم تارىخىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەركەز. شەھەرنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان بۇ مەيدان، پەقەت بىر ئۇچرىشىش نۇقتىسىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش جەريانلىرىغا گۇۋاھلىق  بېرىدىغان بىر جاي. جۇمھۇرىيەت ئابىدىسى بار بۇ مەيدان، مىللىي كۈرەش روھى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى سىمۋول قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى ئاشخانىلار، قەھۋەخانىلار ۋە سەنئەت سورۇنلىرى بىلەن ھەم يەرلىك خەلقنىڭ ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ سۆيۈملۈك توختاش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان تەكسىم، ئىستانبۇلنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئارىسىدا خۇددى بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

مەيدانغا كەلگىنىمدە، كۈننىڭ تۇنجى نۇرلىرى بىلەن بىللە باشلانغان جانلىقلىقنى ھېس قىلىش ئاجايىپ ياخشى ئىدى. دەل ئوتتۇرىسىدا كۆككە كۆتۈرۈلگەن جۇمھۇرىيەت ئابىدىسىگە قاراپ تۇرۇپ، ھەم تارىخقا ھەم بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكىگە كەلگەندەك  ھېس قىلدىم. مەيداندا ئايلىنىۋاتقىنىمدا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ياشانغان كىشى دىققىتىمنى تارتتى. قولىدا ھاسىسى بىلەن، جىمجىت جۇمھۇرىيەت ئابىدىسىگە قاراپ ئولتۇراتتى. يېنىغا بېرىپ سالام بەردىم ۋە ئولتۇرۇشقا رۇخسەت سورىدىم. يېنىك كۈلۈمسىرەپ، «ئەلۋەتتە ئولتۇرالايسەن بالام» دېدى.

بىر مەزگىل جىمجىت بىللە ئولتۇردۇق. ئاندىن، كۆزىنى ئابىدىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ، «بۇ ئابىدىنى ھەر كۆرگىنىمدە كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ» دېدى. قىزىقىپ سورىدىم، «نېمىشقا تاغا؟» كۆزلىرى ئۆتمۈشكە كەتكەندەك سۆزلەشكە باشلىدى:

«جۇمھۇرىيەت ئابىدىسى پەقەت تاش ۋە تۇچتىن ئىبارەت ئەمەس، بالام. ئۇ، بۇ تۇپراقلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ۋە مۇستاپا كامالنىڭ بىزگە سوۋغا قىلغان ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىنى تەمسىل قىلىدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا دادام سۆزلەپ بېرەتتى؛ ئۇرۇش يىللىرىدا بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم سەپەرۋەر بولغان ئىدى. بۇ مەيدان، ئۆتمۈشتە زەمبىرەك ۋە مىلتىقلارنىڭ ياڭراپ تۇرغان يېرى ئىدى. ئەمدى بولسا بۇ يەردە تىنچ-ئامان ياشاۋاتقان كۈلۈپ تۇرغان ئىنسانلارنى، ئۈمىدكە تولغان قەدەملەرنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلايسەن»

 

سۆزلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئېيتقانلىرى، ئىلگىرى ئوقۇغانلىرىم بىلەن كاللامدا بىرلەشتى ۋە جۇمھۇرىيەت ئابىدىسىگە بولغان نەزىرىم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ ئابىدە، تەكسىم مەيدانىنىڭ دەل يۈرىكىدە جايلاشقان ۋە ئىستانبۇلنىڭ سىمۋول قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ. 1928-يىلى ئىتالىيەلىك ھەيكەلتاراش پىئېترو كانونىكا تەرىپىدىن ياسالغان بۇ ئەسەر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانلىرىنى شەرەپلەندۈرىدۇ. تۇچ ۋە تاش ئىشلىتىلىپ ياسالغان ئابىدە، ھەم سەنئەت ھەم تارىخىي قىممەتكە ئىگە.

جۇمھۇرىيەت ئابىدىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ، ھەم ئۆتمۈشنىڭ ئىزلىرىنى ھەم تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ئەتراپىدا رەسىم تارتىۋاتقان ساياھەتچىلەر، مېڭىپ يۈرگەن يەرلىك خەلق ۋە مەيداننىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پائالىيەتلەر، بۇ يەرنى ھەر دائىم جانلىق تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەتىگەننىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدە بولسا مەيدان تېخىمۇ تىنچ ۋە خاتىرجەم بىر ھالەتتە ئىدى؛ بۇ مەن ئۈچۈن ئابىدىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئۈچۈن ياخشى بىر ۋاقىت ئىدى.

ياشانغان كىشى بىلەن خوشلىشىپ، يەنە بىر ئاز مەيداننى ئايلاندىم. ئەتراپتىكى قەھۋەخانىلاردىن بىرىگە كىرىپ يېڭى دەملەنگەن تۈرك چېيى بىلەن يېنىك بىر ئەتىگەنلىك ناشتا قىلدىم. ئاندىن، قەدەملىرىمگە يۆنىلىش بېرىپ ئىستىقلال كوچىسىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم.

**** ***************************

ئىستىقلال كوچىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە تىزىلغان تارىخىي بىنالار، قەھۋەخانىلار، بۇتىك دۇكانلار ئاجايىپ كۆرۈنەتتى. ترامۋاينىڭ رېلىس ئۈستىدە ئاستا ئىلگىرىلىشى بولسا كوچىغا نوستالگىيەلىك بىر تۈس قوشاتتى. ئاستا مېڭىپ، يان كوچىلاردىن بىرىگە كىرىپ گالاتاساراي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يېنىدىكى داڭلىق گۈل چېچەك بازىرىغا باردىم. توۋىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان چىراغلار ۋە نەپىس مېمارچىلىقى بىلەن بۇ يەر، خۇددى باشقا بىر دەۋرگە كۆچكەندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلدى.

ئاندىن نەۋىزادە كوچىسىغا يۈزلەندىم. ئەتىگەننىڭ جىمجىتلىقىدا تار كوچىلاردا ئايلىنىۋاتقىنىمدا، بۇ يەرنىڭ كەچقۇرۇنلىرى قانداق بىر مەرىكە جايىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماي تۇرالمىدىم. ئىستىقلال كوچىسىغا قايتقىنىمدا، رەڭگارەڭ جايلار ۋە دۇكانلارنىڭ ۋىترىنلىرىدىن تارالغان جەلىپكار پۇراقلار ئارىسىدا يوقاپ كەتكەندەك ئىدىم.

شۇ چاغدا بىر مۇزقايماقچىنىڭ ئالدىغا توپلانغان كىچىك بىر توپ كىشى دىققىتىمنى تارتتى. ئاق خالات كىيگەن، بېشىغا ئوسمانلى فەسى (قالپىقى) كىيگەن بىر ئادەم، قولىدىكى ئۇزۇن مۇزقايماق كاپكىرى بىلەن ئەتراپقا خۇشاللىق تارقىتىۋاتاتتى. توختاپ كۆزىتىشكە باشلىغان پەيتتە، مۇزقايماقچى مېنى كۆرۈپ قالدى. يۈزىدە چوڭ بىر كۈلۈمسىرەش بىلەن، «مەرھەمەت ياش خانىم! قايسى مۇزقايماقنى تېتىپ باقماقچىسىز؟» دەپ سورىدى.

ھاياجان بىلەن يەر ياڭىقى ۋە شوكولات تەلەپ قىلدىم. لېكىن ئىشنىڭ بۇنچىلىك ئاددىي بولمايدىغانلىقىنى شۇ چاغدا چۈشەنمەپتىمەن! مۇزقايماق قۇتىسىنى سۇندى، مەن دەل ئالاي دېگەندە تېز تارتىۋالدى. ئەتراپتىكى ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. كاپكىر بىلەن مۇزقايماقنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ بىر قانچە قېتىم ئايلاندۇردى، ئاندىن قۇتىنى يەنە سۇندى. يەنە دەل تۇتىۋالاي دېگەندە قۇتىنى بىر قېتىم يەنە قاچۇردى!

كۈلۈپ قورسىقىمغا ئاغرىق كىرگىچە، «بۇ قېتىم تۇتۇۋالىمەن» دەپ ئۆزۈمنى تەييارلىدىم. ئەمما يەنە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدىم. ئاخىرى قۇتىنى قولۇمغا بەردى دەپ ئويلىدىم، لېكىن بۇ قېتىم قۇتىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم! مۇزقايماقچى قاقاقلاپ كۈلگەن ھالدا مۇزقايماقنى تەتۈر قىلىپ قۇتىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە «مانا، بۇ قېتىم قاچۇرماسلىقىڭ كېرەك» دېدى.

ئاخىرى مۇزقايماقنى ئالغىنىمدا، ئەتراپتىكى ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ بۇ كۆڭۈللۈك پەيتكە ھەمراھ بولدى. يېنىك ئېگىلىپ، «ئىستىقلال كوچىسىدىن مۇزقايماق ئالساڭ مۇشۇنداق بىر تاماشىغا تەييار بولۇشۇڭ كېرەك!» دېدى.

مۇزقايمىقىمنى يەۋېتىپ، بايىلا بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ كۆڭۈللۈك خاتىرىنى ئويلىدىم. ئىستىقلال كوچىسى پەقەت تارىخىي بىنالىرى، قەھۋەخانىلىرى ۋە دۇكانلىرى بىلەنلا ئەمەس، مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك خاتىرىلەر بىلەنمۇ تولغان ئىدى. بۇ كوچا، شاتلاندۇرىدىغان ۋە ھاياتنى تولۇق مەنىسى بىلەن ياشىتىدىغان بىر جاي ئىدى.

*** **** **** **** *****

ھۆرمەتلىك تىڭشىغۇچىلىرىمىز! كېلەر ھەپتىلىك بۆلۈمدە ئىستىقلال كوچىسىدا ئۇچراتقانلىرىمنى، بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمەن ھازىرچە خوشلىشايلى! قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر!


خەتكۈچ: #سەپەرنامە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر