سۈرىيە ئىنقىلابى، تۈركىيە ۋە دۇنيا
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە نەزەر (2)
سۈرىيە ئىنقىلابى، تۈركىيە ۋە دۇنيا
(دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەك)
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى
2011-يىلى تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن سۈرىيە خەلقىگە ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر تىپلىق قورال - ياراغلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش، يېقىندا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ۋە شام ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ دەمەشققە كىرىشى بىلەن قىسمەن ئاخىرلاشتى. سۈرىيەدە 2024 - يىلى 8-دېكابىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي يېڭى بىر سىياسىي رېئاللىق شەكىللەندى. بۇ رېئاللىق يېڭى دەۋردە سۈرىيەنىڭ ھەم ئىچكى تۈزۈمىدە ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر باسقۇچنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالماقتا.
مىڭ يىلغا يېقىن كۈچىنى ساقلاپ ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرقى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا، خۇددى ۋولتېرنىڭ چاقچاق قىلىپ ئېيتقىنىدەك، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، نە مۇقەددەسلىكدىن، نە رىمنىڭ قۇدرەتىدىن، نە بىر ئىمپېرىيەدىن قىلچە ئەسەر قالمىدى. بۇگۈنكى كۈندە دۇنيا مىقياسىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە مۇنداق: تەخمىنەن 250 يىلدىن كېيىن ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان لىبېرال دۇنيا تەرتىپىمۇ ھازىر نە لىبېرال ئەمەس، نە خەلقئارالىق تەرتىپ ئىچىدە ئەمەس. دۇنيانى بىر پۈتۈندەك تىلغا ئېلىش بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا. دۇنياۋى بىر گەۋدە ھالىتىدە تەرتىپ ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇپ بولدى. ھىمايىچىلىك كۈچەيمەكتە، خەلقئارا سودا سۆھبەتلىرى كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىدى. ئەمدىلىكتە يېڭى كۈچ مەركىزى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئېلېكترونلۇق بوشلۇقنىڭ قوللىنىلىشىنى تەرتىپكە سالىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى قائىدە – پىرىنسىپلارلا بار، خالاس. ھەر بىرى ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە رايونلۇق تەرتىپلەر ياكى تەرتىپسىزلىكلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.
بۈگۈنكى دۇنيا، 1939-1991-يىللىرى ئارىلىقىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك قۇتۇپلىشىش دەۋرىدىكى دۇنياغا ئوخشىمايدۇ؛ دۇنياۋى ئۇرۇش بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى قانچە ئون يىللارنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلىتىدۇ. ھازىر دۇنياۋى ۋە رايونلۇق كۈچلەرنىڭ بەزىسى قەد كۆتۈرۈۋاتقان، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن غۇلاپ چۈشۈۋاتقان بىر دەۋرىدە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مىللىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئۇرۇشلىرىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ھۆكۈمران ئىمپېرىيەلىك كۈچ بولغان ئامېرىكا مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەگە ئوخشىغان كۈچى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئاكتىيورلار ئامېرىكانىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشى ۋە بايلىق تەقسىماتىدىن نارازى بولماقتا . رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشىغان كۆپ دۆلەتلىك كۈچلەر بولسا بۇرۇنقى داغدۇغىلىق شانۇ - شەۋكەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدەنمەكتە. غەرب سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن؛ رۇسىيە بولسا غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىپ كېتىش دولقۇنىدىن ئەنسىرىمەكتە. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قورقۇنچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا «رادىكال ئىسلام» دۇر.
دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ھازىر 1945-1989-يىللار ئارىلىقىدىكىگە ئوخشاش چوڭ بىر ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەش يوق. ئەسلىدە ئوتتۇرىدا يېڭى بىر «تۆمۈر پەردە» مۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئاساسلىق دۇنيا كۈچىدىن سىرت، (ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشنى خالايدىغان، ئەمما بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان) تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئاجىزلاۋاتقان كۈچلەر مەۋجۇت. بۇ ئەھۋال، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا بەزى ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھازىرقى ۋەزىيەتنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە مايىلراق كېلىدۇ، ئەمما بۇ توغرا سېلىشتۇرما ئەمەستۇر. ھازىرقى ئەھۋال، تولىراق يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان چوڭ كۈچلەرنىڭ رىقابەت دەۋرى بولغان ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ھەققانىيلىقىغا ئەمەس، ئەكسىچە دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسلىنىدىغان 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا ئوخشايدۇ. مەۋجۇت دۇنياۋى تەرتپتە ئاساسلىق بىر خەلقئارالىق كۈچ باردۇر، ئەمما ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىزدىنىشىدىكى باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن بارغانسېرى كۆپ تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. پۈتكۈل دۇنيا 21-ئەسىرنى 20-ئەسىرنىڭ كۆزنىكىدىن قاراپ چۈشىنىشكە تىرىشىشتەك كونا ئىشلار بىلەن ئاۋارە. شۇڭا ھەم سۈرىيە/ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ھەم دۇنيا ئۈچۈن شۇنى ئېنىق ئېيتالايمىزكى، بىز ئىككىنچى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىدا ئەمەسمىز.
بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈركىيە قىسقا مۇددەتتە بولمىسىمۇ ئۇزۇن مۇددەتتە سۈرىيەدە غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولدى. چۈنكى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق بىر ئېتنىك ۋە دىنىي/مەزھەپ دىكتاتورلۇقى ئىدى، ئىران چەت ئەللىك بىر شىئە ئىشغالىيەتچى ئىدى، رۇسىيە بولسا ئەسەد ۋە ئىرانغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق شەنىگە داغ تەگكۈزگەن ئاكتىيور بولۇپ، سۈرىيە زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىدىن باشقا ئانچە كۆپ تەسىر كۈچىمۇ يوق ئىدى. ئامېرىكا بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇمتاشتىسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ قانۇنىي قىيىنچىلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. رۇسىيە ۋە ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا، سۈرىيەدە كۈچ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەربىي قىسىم ئەۋەتىشنىڭ -جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن- ئاسان بولۇشى تۈركىيەگە نىسبەتەن يەنە بىر ئەۋزەللىكتۇر.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سۈرىيەدە ئۆزگىرىشلەر باشلانغان 2011-يىلى مارتتىن بۇيان ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى (دەسلەپتە خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە يالغۇز قېلىش بەدىلىگە بولسىمۇ) قوللاپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2016-يىلى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەربىي جەھەتتىن سۈرىيە زېمىنىغا بىۋاسىتە ئارىلاشتى. تۈركىيە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە پۇقراۋى، ھەربىي قاتارلىق بارلىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن رايوندا سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇندى، بۇ كۈرەش ئۈچۈن ھەم ماددىي ھەم مەنىۋى جىددىي بەدەللەرنى تۆلىدى ۋە تۆلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭا بۇ يەردىكى كۈرەش پەقەت سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى بولۇشتىن ھالقىپ، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ بىر مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا سۈرىيەدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىجابىي مەنزىرە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن پەقەت سۈرىيەدىلا ئەمەس، بارلىق ئالدىنقى سەپلەردە ئۆزىگە چوڭ بىر ئۇتۇق كەلتۈرىدىغان نەتىجىلەرنى بېرىدۇ.