ئىستانبۇل سەپەرى
سەپەرنامە (1)
ئىستانبۇل سەپەرى
بۈگۈن «سەپەرنامە» ناملىق يېڭى پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. بۇ پىروگراممىدا، تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يەرلىرىنى كېزىپ چىققان بىر ساياھەتچىنىڭ كۆرگەنلىرىنى، ئۇچراتقان ھېكايىلىرىنى، دىققىتىنى تارتقان تەپسىلاتلىرىنى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشىمىز. ساياھەتچىمىزنىڭ تۈركىيە ساياھىتىگە چىققان ۋاقتىدىن باشلىغانچە ھەر خىل شەھەرلەرنى ئايلانغىنىمىزدا، يالغۇز بىز ئايلانغان جايلارنىلا ئەمەس، شۇ جايلارنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ھەربىر شەھەردە كۆرگەن تەڭداشسىز مەنزىرىلەرنى، كوچىلارنى ۋە تۈركىيەگە خاس قىزىقارلىق تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ بېرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىلىرى ۋە تارىخىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!
ئىسمىم سەيران. ساياھەت قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بۇ قېتىم مەن تۈركىيەنىڭ جەننەتتەك بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىنى ئايلىنىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. ئارقىدىنلا شەھەرلەر، ئوخشىمىغان جايلار ۋە قاتناش ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىشكە باشلىدىم. دەرھال ئىستانبۇلغا بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەگە تەۋە بىر ئايروپىلان شىركىتىدىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالدىم. ساياھىتىمنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى، چۈنكى تۈركىيەنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغىنىدەك، ئايروپىلان قاتنىشى جەھەتتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە نۇرغۇن يولۇچىلار تەرىپىدىن تاللىنىدىغان ئايروپىلان لىنىيەلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتىم. كۆڭۈللۈك بىر ساياھەت مېنى كۈتۈپ تۇراتتى.
كۈتكەن پەيتىم يېتىپ كېلىپ، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتى بولغان ئىدى. ئايروپىلانغا قەدەم باسقىنىمدا، كابىنا خادىملىرىنىڭ خۇشچىراي كۈتۈۋېلىشى ۋە تۈركچە «مەرھابا، خۇش كەپسىز» دېيىشى ماڭا بەك يېقىملىق تۇيۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى سۆزنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلايتتىم. ئىچىمدە تەكرارلىدىم: «مەرھابا، خۇش كەپسىز». ئورنۇمغا ئولتۇرغىنىمدا يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئوتتۇرا ياشلىق، خۇشچىراي بىر ئايال ئولتۇراتتى. كۆزىمىز ئۇچراشقاندا يېنىك كۈلۈمسىرىدى ۋە پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق. تۈرك بولۇپ، ئىسمى گۈنەش ئىدى، ئۇ قىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان ئىكەن. ئۇ، ئىستانبۇلدا ياشايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە پاراڭ داۋاملاشقانسېرى ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىققان بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
گۈنەش خانىم چوڭقۇر تارىخ بىلىمىگە ئىگە ئىدى. يول بويى ماڭا تۈركىيەنىڭ تارىخى ھەققىدە مېنى نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلدى؛ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ قانچە ئەسىرگىچە تۇتىشىدىغان تارىخىي مىراسلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ ئىستانبۇلنىڭ باي تارىخىغا دائىر سۆزلىگەنلىرى مېنى مەپتۇن قىلدى. ئاياسوفيانىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكلىرى، قاپالى بازىرىنىڭ سىرلىرى ۋە ئىستانبۇل بوغۇزى ھېكايىلىرىنى شۇنداق بىر ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردىكى، ئۆزۈمنى شۇ يەردە تۇرغاندەكلا ھېس قىلدىم. يالغۇز تارىخنىلا سۆزلەپ بېرىپلا قالماي، ئىستانبۇلدىكى شۇ جايلارنى چوقۇم كۆرۈشۈم كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. «ئوردىلارنى كۆرمەي، گالاتا مۇنارىسىدىن شەھەرنى كۆزەتمەي قايتماڭ» دېدى. ھەتتا مېنى ئۆيىدە مېھمان قىلالايدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈرك مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى.
بۇ پاراڭ ئاددىي بىر ئايروپىلان ساياھىتىنى ئۇنتۇلماس بىر ھېكايىگە ئايلاندۇردى. بۇ ساياھەت جەريانىدا ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىر ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بىرمۇبىر ئورۇنلاش ئۈچۈن تاقەتسىزلىنىۋاتىمەن. ئورۇندۇقۇمنىڭ ئالدىدىكى ئېكرانلاردىن ئۇچۇش ئۇچۇرلىرىمغا كۆز يۈگۈرتتۈم. كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسىنى ئاچتىم. يۈزلىگەن فىلىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە مۇزىكا ئارىسىدىن مۇزىكىلارنى تاللاپ ئاڭلاشقا باشلىدىم. گۈنەش خانىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە تۈرك سەنئەت مۇزىكىسىدىن ئاھاڭلار ۋە بىرقانچە خەلق ناخشىسىنى ئاڭلىدىم. مۇزىكىلار شۇنچىلىك يېقىملىق ئىدىكى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدىم.
ئارىدىن بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن، كابىنا خادىملىرى چۈشلۈك تاماق تارقىتىشقا باشلىدى. تىزىملىكنى كۆرگىنىمدە كۆزلىرىم چاقناپ كەتتى. يېڭى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان ئەنگىنار، مەززىلىك كۆفتە ۋە تاتلىق-ھالۋا سۇنۇلۇۋاتاتتى. تۈرك تائاملىرى ماڭا بەك يېقىپ كەتتى. تاماقنىڭ تەمى ئۇچۇشنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھالغا كەلتۈردى. شۇ پەيتتە، ئۇچقۇچىنىڭ «ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېگەن ئېلانى بىلەن يۈرىكىم سوقۇشقا باشلىدى. ئىستانبۇل ھاۋادىنمۇ بەكرەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئايروپىلاننىڭ پەسلەپ، قونۇشقا باشلىشىدىن كېيىن دېرىزىدىن تۇنجى قېتىم بۇ گۈزەل شەھەرنى كۆرۈپ، ھەيران قالدىم.
شۇ چاققىچە بۇ شەھەر ھەققىدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم دەلگۈنەش خانىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. نېمە دېگەن چوڭ ئۇرۇشلارنى، نېمە دېگەن غەلىبىلەرنى كۆرگەن بۇ شەھەر، ھە... ئايروپىلان يەرگە قونۇۋاتقاندا ھاياجىنىم ھەسسىلەپ ئاشتى. شۇنداق قىلىپ، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قوندۇق. تۈركىيەگە قەدەم باسماي تۇرۇپلا ھەم تۈرك بىر دوست تاپقاننىڭ خۇشاللىقى، ھەم تائاملارنىڭ ئۆزىگە خاس تەمى، ھەم بىخەتەر ئايروپىلان ساياھىتى بۇ زىيارەتنى ئۇنتۇلماس قىلغانىدى. ئەمدى پاسپورتۇمغا تۈركىيەگە كىرىش تامغىسى بېسىلاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باشقىچە خۇشال ئىدىم. يۈرىكىم ھاياجاندىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى، چۈنكى بىر ئازدىن كېيىن مىڭلىغان يىللىق تارىخقا شاھىت بولۇش ئالدىدا تۇراتتىم.