سەپەرنامە (01)
ئىستانبۇلغا سەپەر
بۈگۈن پۈتۈنلەي يېڭى بىر پروگرامما بىلەن سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بۇ پروگراممىدا، تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يەرلىرىنى كېزىپ چىققان بىر ساياھەتچىنىڭ كۆرگەنلىرىنى، ئاڭلىغان ھېكايىلىرىنى، دىققىتىنى تارتقان تەپسىلاتلىرىنى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشىمىز. ساياھەتچىمىزنىڭ تۈركىيە ساياھىتىگە چىققان ۋاقتىدىن باشلىغانچە ھەر خىل شەھەرلەرنى كەزگىنىمىزدە، يالغۇز جايلارنىلا ئەمەس، ئۇ جايلارنىڭ روھىنىمۇ كەشىپ قىلىمىز. ھەر شەھەردە كۆرگەن تەڭداشسىز مەنزىرەلەرنى، كوچىلارنى ۋە تۈركىيەگە خاس قىزىقارلىق تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ بېرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىلىرى ۋە تارىخىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا تەييارلىقىڭلار پۈتكەن بولسا، بۇ ئۇنتۇلماس ساياھەتكە بىرلىكتە چىقايلى!
**** **** **** **** ***** ***
ئىسمىم سەيران. ساياھەت قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن ۋە بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ جەننەت بۇلۇڭلىرىنى كېزىشنى قارار قىلدىم. قارارىمنى ئالغان ھامان شەھەرلەرنى، جايلارنى ۋە قاتناشنى بىرمۇ-بىر تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. دەرھال ئىستانبۇلغا بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن ئايروپىلان بېلىتىمنى ئالدىم. ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ساياھەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى، چۈنكى تۈركىيەنىڭ، باشقا ساھەلەردە بولغىنىدەك، ئايروپىلان قاتنىشى جەھەتتىمۇ دۇنيا مىقياسىدا مۇلازىمىتى ياخشى ۋە نۇرغۇن يولۇچىلار تەرىپىدىن تاللىنىدىغان ئايروپىلان لىنىيەلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. كۆڭۈللۈك بىر ساياھەت مېنى كۈتۈپ تۇراتتى.
*** ***** ***** ******* *****
كۈتكەن پەيتىم يېتىپ كېلىپ، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتى بولغان ئىدى. ئايروپىلانغا قەدەم باسقىنىمدا، كابىن خادىملىرىنىڭ خۇشچىراي كۈتۈۋېلىشى ۋە تۈركچە «مەرھابا، خۇش كەپسىز» دېيىشى ماڭا بەك يېقىمملىق تۇيۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى سۆزنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلايتتىم. ئىچىمدە تەكرارلىدىم: «مەرھابا، خۇش كەپسىز». ئورنىمغا ئولتۇرغىنىمدا يېنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئوتتۇرا ياشلىق، خۇشچىراي بىر ئايال ئولتۇراتتى. كۆزىمىز ئۇچراشقاندا يېنىك كۈلۈمسىرىدى ۋە پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق. تۈرك ئىدى، ئىسمى گۈنەش ئىدى ۋە قىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان ئىدى. ئىستانبۇلدا ياشايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۆھبىتىمىز داۋاملاشقانسېرى ئۇنىڭ پېنسىيونىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
گۈنەش خانىم چوڭقۇر تارىخ بىلىمىگە ئىگە ئىدى. يول بويى ماڭا تۈركىيەنىڭ تارىخى ھەققىدە بىلمەيدىغان ئۇچۇرلارنى بەردى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ يۈز يىللارغا تايانغان تارىخىي مىراسلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ ئىستانبۇلنىڭ باي تارىخىغا دائىر سۆزلىگەنلىرى مېنى مەپتۇن قىلدى. ئاياسوفيانىڭ مېمارچىلىقى، قاپالى چارشى (ئۈستى يېپىق) بازىرىنىڭ سىرلىرى ۋە بوغۇز ھېكايىلىرىنى شۇنداق بىر ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردىكى، ئۆزۈمنى شۇ يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. يالغۇز تارىخنىلا سۆزلەپ قالماي، ئىستانبۇلدا شۇ يەرلەرنى چوقۇم كۆرۈشۈم كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. «ئوردىلارنى كۆرمەي، گالاتا مۇنارىسىدىن شەھەرنى كۆزەتمەي قايتما» دېدى. ھەتتا مېنى ئۆيىدە مېھمان قىلالايدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈرك مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى.
بۇ سۆھبەت ئاددىي بىر ئايروپىلان ساياھىتىنى ئۇنتۇلماس بىر ھېكايىگە ئايلاندۇردى. بۇ ساياھەت جەريانىدا ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىر ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بىرمۇ-بىر ئورۇنلاش ئۈچۈن تاقىتىم تاق بولدى. ئورۇندۇقۇمنىڭ ئالدىدىكى ئېكرانلاردىن ئۇچۇش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈردۈم. كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسىنى ئاچتىم. يۈزلىگەن فىلىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە مۇزىكا ئارىسىدىن تاللاپ مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا باشلىدىم. گۈنەش خانىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە تۈرك سەنئەت مۇزىكىسىدىن پارچىلار ۋە بىر قانچە خەلق ناخشىسى ئاڭلىدىم. مۇزىكىلار شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدىم.
بىر مەزگىلدىن كېيىن، كابىن خادىملىرى چۈشلۈك تاماق مۇلازىمىتىنى باشلىدى. تىزىملىكنى كۆرگىنىمدە كۆزلىرىم چاقنىدى. يېڭى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان ئەنگىنار، لەززەتلىك كۆفتە ۋە تاتلىق-ھالۋا سۇنۇلۇۋاتاتتى. تۈرك تائاملىرىنىڭ بايلىقلىرى ئېغىز تەمىمگە ئۇيغۇن كېلىۋاتاتتى. تاماقنىڭ تەمى ئۇچۇشنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھالغا كەلتۈردى. شۇ پەيتتە، ئۇچقۇچىنىڭ «ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىۋاتىمىز» دېگەن ئېلانى بىلەن يۈرىكىم تېز سوقۇشقا باشلىدى. ئىستانبۇل، ھاۋادىنمۇ بەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئايروپىلاننىڭ پەسلەشكە باشلىشى ۋە قونۇشقا ئۆتۈشى بىلەن دېرىزىدىن تۇنجى قېتىم بۇ گۈزەل شەھەرنى كۆردۈم. ھەيران قالارلىق ئىدى.
ئۇ كۈنگىچە بۇ شەھەر ھەققىدە ئوقۇغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم، گۈنەش خانىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېسىمگە كەلدى. نېمە دېگەن چوڭ ئۇرۇشلارنى، نېمە دېگەن غەلىبىلەرنى كۆرگەن بۇ شەھەر، ھە... ۋاقىت ئاققانسېرى ۋە ئايروپىلان يەرگە قونغانسېرى ھاياجىنىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا بىخەتەر قوندۇق. تۈركىيەگە قەدەم باسماي تۇرۇپلا، ھەم تۈرك بىر دوست تاپقاننىڭ خۇشاللىقى، ھەم تائاملارنىڭ تەمى، ھەم بىخەتەر ئايروپىلان ساياھىتى بۇ زىيارەتنى ئۇنتۇلماس قىلغانىدى. ئەمدى پاسپورتۇمغا تۈركىيەگە كىرىش تامغىسى بېسىلاتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باشقىچە خۇشال ئىدىم. يۈرىكىم ھاياجاندىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى، چۈنكى بىر ئازدىن كېيىن مىڭلىغان يىللىق تارىخقا شاھىت بولۇش ئالدىدا تۇراتتىم.