ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى
قۇرئان كەرىم ۋە تەرجىمىسى (467) - زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 12 دىن 23 كىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.
ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى
ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14]. ئۇلار (پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر[15]. ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟[16] ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ[17]. (ئۇلار ئاللاھقا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟)[18]. ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ[19]. ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ[20]. ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى (قانداقتۇر) بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئىسىلامدۇ؟[21] ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ[22]. شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى[23].