ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى - 50

2219421
ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى

ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى» نى تونۇشتۇرىمىز.

«ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى» نىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 21.11.2022

****** **** *** *** ****

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونىدىكى تارىخىي ئەلازىغ شەھىرى، دۇنياغا گىلاس رەڭگىگە يېقىن قىزغۇچ «گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى» بىلەن تونۇلىدۇ. رەڭگى ۋە تېكىستۇرىسى بىلەن دۇنيادا پەقەت ئەلازىغنىڭ ئالاجاكايا ناھىيەسىدىنلا چىقىدىغان «ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى» شەھەردىكى رەسمىي ئورگانلار بىلەن كەسپىي ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن 2022-يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

مەرمەرنىڭ ئاساسىي رەڭگى گىلاسقا ئوخشاش قىزغۇچ بولۇپ، ئۈستىدە ئاق رەڭلىك تومۇر شەكلىدە سىىزىقلار بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلىشى ناھايىتى كونا تارىخقا ئىگە بولغان ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى شەھەر ئىقتىسادىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەرمەر كانلىرىدىن پۈتۈن ياكى كىچىك پارچىلار شەكلىدە چىقىرىلىدىغان بۇ مەرمەر دۇنيانىڭ تۆت قىتئەسىدە 60  قا يېقىن دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. چوڭ سودا مەركەزلىرى ۋە بىنالارنىڭ يەرلىرىنى بېزەش، ئىچكى تاملارنى ياكى  تاشقى تاملارنى قاپلاش ۋە زىننەتلەشتە، ھەمدە ئۆيلەرنىڭ ئاشخانا ۋە ھامماملىرىنى زىننەتلەشتە شۇنداقلا كىچىك سوۋغا بۇيۇملىرى ياساشتا  ئىشلىتىلىدۇ.  

ئەلازىغ گىلاس رەڭلىك مەمەر تېشى يەنە ھەيكەل ۋە تاش تىزما سەنئەت ساھەسىدىمۇ ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر