دۈزجە قومۇچ پەكمىزى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -49
دۈزجە قومۇچ پەكمىزى
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «دۈزجە قومۇچ پەكمىزى» نى تونۇشتۇرىمىز.
«دۈزجە قومۇچ پەكمىزى» نىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 24.05.2021
****** **** *** *** ****
تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىدىن دۈزجە، دۆلەت مىقياسىدا ئانچە كەڭ تارقالمىغان بىر زىرائەت مەھسۇلاتىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان پەكمەز تۈرىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. شەھەرنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدا ئۆتمۈشى ناھايىتى قەدىمگە سوزۇلىدىغان قومۇچ تىرىقچىلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان «دۈزجە قومۇچ پەكمىزى»، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن سۇنۇلغان مۇراجىئەت نەتىجىسىدە 2021-يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
پېكمەزنىڭ خام ماددىسى بولغان شېكەر قومۇچىنىڭ تىرىقچىلىقى دۈزجەنىڭ تەرتىپلىك يامغۇرلىرى سەۋەبىدىن تىرىقچىلىقتا سۇغۇرۇشقا ئېھتىياجى يوقلىقىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. پەكمەز ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن شېكەر قومۇچى ئۆكتەبىر ئېيىدا يىغىۋېلىنىدۇ ۋە دەرھال ئىشلىتىلىدۇ.
ئەڭ دەسلەپ، قومۇچنىڭ ساپلىرى، يوپۇرماق ۋە ئۇرۇقلىرىدىن تازىلىنىپ ماشىنىدا سىقىلىپ شىرنىسى چىقىرىلىدۇ. شېكەر قومۇچىنىڭ شىرنىسى ئىنچىكە سۈزگۈچلەردە 4 قېتىم سۈزۈلۈپ مىس قازانلارغا تۆكۈلىدۇ ۋە ئوتۇن ئوتىدا قايناتىلىدۇ. بۇ جەرياندا پەكمەزنىڭ تېگىنىڭ تۇتۇپ قالماسلىقى ۋە كۆيگەن پۇراقنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
قايناش جەريانىدا پەكمەزنىڭ يۈزىدە پەيدا بولغان كۆپۈكلەرنى بىر قاچا بىلەن ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەخمىنەن 50 لىتىر شېكەر قومۇچى شىرنىسى ئىشلىتىلىپ 10 لىتىر پەكمەز ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. پەكمەزلەر ئوزۇق-تۈلۈك قاچىلىنىدىغان شىشە ياكى پلاستىك قۇتۇلارغا سېلىنىپ، ئىستېمالغا سۇنۇلىدۇ.
يۇقىرىدا ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!