ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر
قۇرئان كەرىم ۋە تەرجىمىسى (465) - شۇرا سۈرىسىنىڭ 44 دىن 53 گىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر
ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن[44]. ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر[45]. ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ[46]. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە ـ ئەمالىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى، ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر[47]. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر[48]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ[49]. ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[50]. ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[51]. شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن[52]. (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ[53].