تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (21)

باشقۇرت تۈركچىسى

2212453
تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (21)

باشقۇرت دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى

باشقۇرت دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى تېخىچە كونكرېت ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بۇ توغرىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر ۋە ئىلمىي قاراشلار مەۋجۇت. خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، باشقۇرت دەپ ئاتىلىشى تارىختا ھازارنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان «قىيرت-باش» قەبىلىسى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە تايىنىدۇ.

بۇ رىۋايەتكە كۆرە، «قىيرت-باش» دېگەن قەبىلە ئىسمى ئاستا-ئاستا «قۇرت-باش» بولۇپ، ئاندىن سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن «باش-قۇرت» قا ئايلانغان. ھازىرقى باشقۇرت تۈركلىرى مەزكۇر قەبىلىنىڭ مىراسخورلىرى دەپ قارىلىدۇ.

ئىلمىي قاراشلارغا كۆرە، «باشقۇرت»دېگەن نام ئەرەب، فارس تارىخچىلىرى ۋە رۇس، ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن 9-ئەسىردىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنغان. مەشھۇر تۈركشۇناس مەھمۇت قەشقىرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە، باشقۇرتلارنىڭ بىر تۈرك قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەڭ مۇھىمى، مەھمۇت قەشقەرىينىڭ بۇ قارىشى تارىخ بويى نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن.

باشقۇرت تۈركلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى

باشقۇرت تۈركلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردا دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا، باشقۇرتلارنىڭ ماجارلار بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقى ياكى ماجارلارنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشتۇر.  بۇنىڭغا كۆرە، تارىختا ئۇرال-ئالتاي رايونى ۋە ئەتراپىدا بىرگە ياشىغان تۈرك ۋە فىن-ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى كۆچمەنلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ھازىرقى ۋېنگىرىيەگە كۆچكەن. يەنە بىر قىسمى بولسا شۇ جايدا قېلىپ، ھازىرقى باشقۇرت تۈركلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان.

جۇغراپىيەلىك ۋە نوپۇس ئەھۋالى

تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمكىي مەنبەلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنغان تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان باشقۇرت تۈركلىرى بۈگۈن ئاساسەن رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە قاراشلىق، پايتەختى ئۇفا شەھىرى بولغان باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ. 2024-يىلنىڭ 1-يانۋار كۈنىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت نوپۇسى 4,064,361 كىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، باشقۇرت تۈركلىرى بۇ نوپۇسنىڭ %31.5 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.

باشقۇرت تۈركچىسى

باشقۇرت تۈركلىرىنىڭ تىلى تۈرك شىۋىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تىلشۇناسلىق جەھەتتىن تۈرگە ئايرىلىشىدا، شىمالىي-غەربىي ياكى قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھازىرچە بۇ تىل ھەم ئاغزاكى، ھەم يازما ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

باشقۇرت تۈركچىسى ئاساسەن باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىدە سۆزلىنىدۇ. مەزكۇر رايوندىن سىرت تاتارىستان ۋە ئۇدمۇرتىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. لېكىن، پەقەت باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا رۇسچە بىلەن بىرگە رەسمىي تىل سالاھىيىتىگە ئىگە. شۇڭا دۆلەت چېگراسى ئىچىدە مائارىپ، ئاخبارات ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسچە رەسمىي تىل ھېسابلىنىدىغان باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكىگە ئوخشاش باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىدىمۇ رۇسچىنىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن باشقۇرت تۈركچىسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى چەكلىك ۋە كۆپىنچە ئىككىنچى تىل سالاھىيىتىدە.

تارىخىي ئەھۋال

باشقۇرت تۈركلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چاغاتاي تۈركچىسى دەپ ئاتالغان يېزىق تىلىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ شىۋىسى، يەنى باشقۇرت تۈركچىسى بىلەن يېزىشقا باشلىغان. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى باشقۇرت يېزىق تىلىنىڭ ئاساسى سېلىنغان.

ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان 10-ئەسىردىن 1929-يىلىغىچە ئەرەب ئېلىپبەسىدىن پايدىلانغان باشقۇرت تۈركلىرى، 1929-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان 10 يىل بويىچە رۇس سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا تەييارلانغان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسى ئىچىدە ياشىغان بارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ كرىل ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە ئۆتۈش جەريانى نەتىجىسىدە باشقۇرت تۈركلىرىمۇ 1939-يىلى ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقان يېڭى كرىل ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر