دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر

ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

2213017
دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر

دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر

شۇرا سۈرىسىنىڭ 32 دىن 43 گىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.

دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر[32]. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33]. ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ[34]. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[35]. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەرقانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇر[36ـ39]. بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[40]. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ[41]. ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[42]. كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر[43].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر