تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (19)
ھاكاس تۈركچىسى
تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (19)
«تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە تارىخ داۋامىدا ھەرخىل جەمئىيەتلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئوخشاشمايدىغان ئىسىملار بىلەن ئاتالغان، ئەمما ئۆزلىرىنى <تىۋا> ياكى <تىۋا كىژى> دەپ تونۇشتۇرىدىغان تۇۋا تۈركلىرى، تۇۋا تۈركلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تۇۋا تۈركچىسى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىمىزدە بولسا، ئەڭ قەدىمىي تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ياشنىغان سىبىرىيە رايونىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تۈرك خەلقلىرىدىن بىرى بولغان ھاكاس تۈركلىرى، ئۇلارنىڭ ياشايدىغان ئورنى ۋە ھاكاس تۈركچىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
****** ***** ***** *****
ھاكاس تۈركلىرى ئىلمىي مەنبەلەردە مىنۇسىن، ئاباكان ياكى يەنىسەي تاتارلىرى دەپ ئاتالغان بولۇپ جەنۇبىي سىبىرىيەدە ياشايدىغان ئەڭ قەدىمىي تۈرك خەلقلىرىدىن بىرىدۇر. خىتاي مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخى 8-9-ئەسىرلەرگىچە سوزۇلىدۇ ۋە ئېتنىك جەھەتتىن يەنىسەي قىرغىزلىرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارىلىدۇ. ھاكاس تۈركلىرى، رۇسىيە چار پادىشاھلىقى دەۋرىدە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىگە ئوخشاش تاتارلار دەپ ئاتالغان. ھاكاس تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى <ھاكاس> دېگەن ئىسمى بولسا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، داڭلىق تارىخچى نىكولاي كوزمىننىڭ پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىدە تاڭ سۇلالىسى يىلنامىلىرىدا ئوتتۇرا يەنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا قۇرۇلغان خياگاس دۆلىتىدىن ئىلھام ئېلىنىپ، 1917-يىلى 20-30-ئىيۇلدا چاركوۋ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي قۇرۇلتايدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان.
ھاكاس تۈركلىرى ئاساسلىقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەۋەسىدىكى، پايتەختى ئاباكان شەھىرى بولغان ھاكاس جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ. دۆلەت نوپۇسى 2023-يىلى 1-يانۋاردىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن 530 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، ئەمما ھاكاس تۈركلىرى مەزكۇر نوپۇسنىڭ پەقەت 12.71%ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھاكاسلار يەنە كراسنويارسك رايونى ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا-شەھەرلىرىدىمۇ تارقاق ۋە ئۆزگىرىشچان نىسبەتتە ياشايدۇ.
ھاكاس تۈركلىرى زىچ ياشايدىغان ھاكاس جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرالىرى ئەڭ قەدىمىي تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ياشنىغان قەدىمىي رايون بولۇپ، رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشتىن بۇرۇن، يەنە رۇسلار تەرىپىدىن قىرغىز زېمىنلىرى دەپ ئاتىلاتتى. بۇ رايون رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، بۈيۈك پېترو ياكى بىرىنچى پېترونىڭ 1707-يىلىدىكى پەرمانىغا ئاساسەن رۇسىيە چار پادىشاھلىقى ئىمپېرىيەسىگە مىنۇسىنسك كرايى سۈپىتىدە قوشۇۋېلىنغان ئىدى. كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىگە كىرگەن ھاكاس زېمىنلىرى، 1991-يىلى ئىيۇندا ھاكاس ئاپتونوم رايونىدىن ھاكاس جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
ھاكاسلارنىڭ تارىخىي دىنى شامانىزم بولۇپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خرىستىئانلىقنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ھاكاس تۈركلىرىنىڭ ئانا تىلى ھازىرقى تۈرك شىۋىلىرى ئارىسىدا قەدىمىي قىرغىزچىنىڭ ئىزنالىرىنى ساقلىغانلىقى قاتارلىق ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن فۇ-يۈ تۈركچىسى، شور تىلى ۋە سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېقىنلىق كۆرسىتىدۇ. تۈرك شىۋىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تىلشۇناسلىق ئاساسلىرىغا كۆرە تۈرلەرگە ئايرىلىشىدا شىمالىي-شەرق ياكى سىبىرىيە گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالىدۇ.
يېزىق تىلى سۈپىتىدە سىبىرىيەدىكى باشقا تۈرك نەسىللىك خەلقلەرگە ئوخشاش قەدىمىي تۈرك رۇنىك يېزىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوللانغانلىقى مەلۇم. ھاكاس تۈركلىرىنىڭ يېزىق تىلى ئەنئەنىسى تۈرك-موڭغۇل ھەرىكىتى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، رۇس ھاكىمىيىتىگىچە بولغان مەزگىلدە ھاكاس خانلىرى «قالماق يېزىقى» نى ئۆگىنىپ خەت-ئالاقىلىرىدە موڭغۇل تىلىنى قوللانغان. 17-ئەسىردىن بۇيان تەخمىنەن 270 يىل رۇس ئىمپېرىيەسى، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەۋە بولۇپ داۋاملىق رۇسلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان ھاكاس تۈركلىرى 1924-1926-يىللاردىن باشلاپ رۇسچە ئېلىپبەسى ئاساسىدا تەييارلانغان ھاكاس ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
سىبىرىيەدىكى باشقا تۈرك شىۋىلىرىگە قارىغاندا سۆزلىگۈچىسى تېخىمۇ ئاز بولغان ھاكاس تۈركچىسى بۈگۈنكى كۈندە زور دەرىجىدە رۇس تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرماقتا. ئېغىز تىلىدا بۇ تەسىر تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىنماقتا. بولۇپمۇ 20-ئەسىر بويىچە رۇس تىلى ھاكاس تۈركچىسى ئۈستىدە كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلغان بولۇپ، تىلنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن ۋە سۆزلىگۈچى سانىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. شۇڭا ھاكاس تۈركچىسى ھازىرقى زاماندا كۆپىنچە يېزا رايونلىرىدا ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا ئىشلىتىلمەكتە. ياشلار ئارىسىدىكى قوللىنىش نىسبىتى تېخىمۇ ئازايغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
1990-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن ھاكاسيادا ھاكاس تۈركچىسىنى جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى تېزلەشكەن، مەكتەپلەردە ھاكاس تۈركچىسى دەرس سانى كۆپەيتىلگەن، ھاكاس تىلى ئۈستىدە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە ئەڭ مۇھىمى ھاكاس جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي تىلى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇنداقتىمۇ رۇس تىلى يەنىلا كۈچلۈك ھالدا ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى چەكلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇ ۋەجىدىن ھاكاس تۈركچىسى يۇنېسكونىڭ 2010-يىلى ئېلان قىلغان «خەۋپ ئاستىدىكى تىللارنىڭ قىزىل كىتابى» دا، «خەۋپ ئاستىدىكى تىللار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
**** ***** *** ***** ****
يۇقىرىدا ق ھاكاس تۈركلىرى، ھاكاس تۈركلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ھاكاس تۈركچىسى ھەققىدە قىسقىچە توختالدۇق. كېيىنكى بۆلۈمدە يەنە باشقا تۈرك تىللىرى ۋە جۇغراپىيەسى ئۈستىدە توختىلىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش.
بۇ پروگراممىنى «تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى» ئۈچۈن پروفېسسور دوكتورگۈلسۇم قىللى يىلماز بىلەن خىزمەتدىشىمىز دوكتور سايدا بۇرخانۇددىنوۋا تەييارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر
قۇرئان كەرىم ۋە تەرجىمىسى (465) - شۇرا سۈرىسىنىڭ 44 دىن 53 گىچە بولغان ئايەتلىرى ۋە تەرجىمىسى.